ئابدۇقادىر داموللا
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇۋارىس قەشقىرى، قەشقەرلىك (1862 - 1924 - يىل) مەشھۇر فىقىھ، تەرەققىپەرۋەر ئەدىب ھەم مەرىپەتچى دېموكرات زات، دىنىي ئىسلاھاتچى. ئۇنىڭ ياشلىق دەۋرى بۇخارا، قازان، ھىندىستان، مىسر ۋە تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش بىلەن ئۆتكەن. ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن، دىنىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭى مەكتەپ ئېچىش، جۇغراپىيە، تارىخ، ئەدەبىيات، ھېساب قاتارلىق يېڭى پەنلەرنى ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، كونىلىققا، جاھالەتپەرەسلىككە قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان. يەن بىر تەرەپتىن، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، قىسقىغىنە ھاياتىدا «ھىدايىتى نەھرى»، «ئىبادەت ئىسلامىيە»، «نەسىھەتى ئاممە»، «خۇفتاھىل ئۆلۈم»، «ئاقايىت زورورىيە»، «جاۋاھرول ئىقات»، «ئېرشادىل موسامەيىن» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى مىسىر، قازان، تاشكەنت قاتارلىق جايلاردا نەشر قىلىنىپ ئەينى زاماندا زور تەسىر قوزغىغان. ئۇ 1924 - يىلى قەشقەردىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ قۇترىتىشى ۋە مۇتەئەسسىپ قارا كۈچلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا سۇيىقەست بىلەن پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن.