موللا باقى بوتى ھاجىيوف
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
موللا باقى بوتى ھاجىيوف 1897 - يىلى ئاتۇش قايراقتا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. 1920 - يىللارغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولىدۇ ۋە دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇش بىلەن بىرگە ئائىلىنىڭ دېھقانچىلىقىغا قارىشىىدۇ. 1920 - يىلى دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن توي قىلىپ مۇستەقىل تىرىكچىلىك قىلىدۇ. 1921 - يىلىدىن 1930 - يىللارغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ تىجارەت ۋە ئاتا كەسپى موزدۇزلۇق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، تاشكەنتتىكى چەت ئەل مۇھاجىرلار كومىتېتى قارىمىقىدىكى ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقىغا قاتنىشىدۇ. شۇ مەزگىلدە بىر تەرەپتىن تىجارەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن ساگو ئىنىستىتۇتىدا ئىشتىن سىرت ئوقۇيدۇ. 1930 - يىلىنىڭ ئاخىرى قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەر شەھىرىدە دۇكان ئاچىدۇ. 1931 - يىلى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى قوزغالغاندا ئۇيۇشمىسىغا ئەسكەر بولىدۇ. 1934 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىغا خىزمەتكە كىرىدۇ. شۇ مەزگىلدە دوغبەك كۆلبېشى ۋە قوناق بازىرىدىكى مەدرىسەلەرنى يېڭى مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىشكە قاتنىشىدۇ. 1936 - 1937 - يىللىرى قەشقەر ساقچى ئىدارىسىدا بۆلۈم باشلىقى، 1937 - يىلىدىن 1939 - يىلىغىچە مەكىت ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىغا ئىدارە باشلىقى بولىدۇ. 1939 - يىلى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ئۇنى مەكىتتىن قولغا ئېلىپ قەشقەرگە قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن، تاشقورغانغا پالىنىدۇ. 1940 - يىلى يەنە قولغا ئېلىنىدۇ. 1944 - يىلىنىڭ ئاخىرى تۈرمىدىن بوشىنىپ چىقىدۇ. 1947 - يىلى قەشقەر ساقچى ئىدارىسىغا ئىدارە باشلىقى بولىدۇ. 1947 - يىلى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى گومىنداڭ ئىلغار كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغاندا ئاتۇش ئارقىلىق بىر بۆلۈم كىشىلەر بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كېتىدۇ. 1955 - يىلى تاشكەنتتە ۋاپات بولىدۇ.