ياقۇپ ئامبال
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ياقۇپ ئامبال (ياقۇپ بەگ) 1884 - يىلى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ بازار ئىچىدىكى تۈگمەن ئېرىق مەھەلىسىدە تۇغۇلىدۇ، خەنزۇچە ئىسمى يوۋىيخۇ. ئاتىسى يۇنۇس ھاجى ھەجگە بېرىپ، ھەرەمدە ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ياقۇپ ئامبال يەتتە يېشىدىن تارتىپ بىر مەھەل دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتلىق بولغاندىن كېيىن، شۇ چاغلاردا مەنچىڭ ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇپ، ئىمتىھاندىن ياخشى ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، شيۇسەي (تالىپ) دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ئۆلكە مەركىزىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتىدۇ ۋە ئۈچ يىل ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان چاغدا ئۆلكە ئىمتىھانىدىن ئەلا دەرىجىدە ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن «جۈيرىن» (چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆلكە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلەرنى شۇنداق ئاتايتتى) دېگەن ئىلمىي ئۇنۋانغا ئىگە بولىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە تەقسىم قىلىنىپ، بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ياڭ زىڭىشىن بىر كۈن ياقۇپ ئامبارلنى ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ سەيلە قىلىدۇ. يولدىن ئۆتۈۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئېيىتقان «تەپسەم سۇندۇق ئاچىلۇر، گۇل باشىمغا ساچىلۇر...» دېگەن «تاھىر - زۆھرە» ناخشىسىنى ئاڭلىغان ياڭ زېڭشىن «يوۋىيخۇ، ئاۋۇ لاۋچەنتۇ نېمە دەۋاتىدۇ؟ » دەپ سورايدۇ. ياقۇپ بەگ ھېچ ئىككىلەنمەستىن، «تىشىياڭزا شىياڭزا كەيلى، تۇشىياڭدىخۇار سەنكەيلى...» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ياڭ زېڭشىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ «بارىكاللا، ئىلىمدە كامالەتكە يېتىپسەن، ناھىيىگە ئامبال بولۇش سالاھىيتىگە ئىگە بوپسەن...» دەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كەلپىن، قاغىلىق قاتارلىق بىر قانچە ناھىيىدە ئامبال بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1932 - يىلى چۈشمە تامدا يىغىلىق بولغاندا، ئۇ قاغىلىققا قايتىپ كېلپ، ئاكىسى سىدىقبەگنىڭ قورۇسىدا تۇرىدۇ. 1933 - يىلىنىڭ بېشىدا، خوتەندە زور كۆلەملىك قوزغىلاڭ بولىدۇ. شۇ چاغدىكى قاغىلىقنىڭ ئامبىلى ليۇشياۋلى يۇقىرىنىڭ پەمانىغا بىنائەن، قوزغلاڭچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن خەتەنگە ئەسكەر باشلاپ ماڭغاندا ياقۇپ ئامبارلنىمۇ بىللە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار گۇمان بىلەن قارىقاش ئارىلىقىدىكى قۇماتپاشاھىم، زاۋا دېگەن جايلاردا قوزغىلاڭچىلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ليۇشياۋلى قوزغىلاڭچىلارنى قىرغىن قىلىشقا بۇيرۇق قىلغاندا، ياقۇپ ئامبال پۇقرالارنى قىرغىن قىلىشنى توسىدۇ. 1933 - يىلى 3 - ئايدا، يەنە قاغىلىق بىلەن گۇما ناھىيىسىدە بىر كۈندىلا قوزغلاڭ كۆتۈرۈلىدۇ. ليۇشياۋلى قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇش بىلەن بىرگە پۇقرالارنىمۇ قىرغىن قىلىدۇ، ياقۇپ ئامبال ئەسكەر باشلىقىنى تېپىپ «پۇقرانى ئۆلتۈرۈۋەتسەك، بىزگە پۇقرا لازىم بولمامدۇ؟ يەنى كىم لازىم !» دەيدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى قىرىلىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ... كېيىن ماخوسەننىڭ 36 - دىۋىزىيىسى قاغىلىق ۋە خوتەنگە تەرەپكە بېرىپ ئورۇنلاشقاندا ياقۇپ ئامبال قاغىلىقتا ئۆزىنى ئامبال دەپ جاكارلايدۇ ھەم ھاكىمىيەتنى قايتىدىن تىكلەيپ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاپ، پۇقرالارنىڭ خاتىرجەم ياشىشى ۋە نورمال ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەتىك قىلىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ماخوسەن ياقۇپ ئامبالنى خوتەنگە ئېلىپ كېتىپ، دىۋىزىيە شتابىدا مەسلىھەتچىلىك خىزمىتىگە قويىدۇ. 1937 - يىلى شېڭ شىسەي 36 - دىۋىزىيىنى يوقىتىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەندە، شېڭ شىسەينىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى ياقۇپ ئامبالنى قولغا ئالىدۇ ۋە 1942 - يىلى 4 - ئايدا ئۇنى ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن قىيىن - قىستاققا ئېلىپ ئۆلتۈرىدۇ.