زوھورىدىن ھېكىمبەگ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
زوھورىدىن ھېكىمبەگ نۇرمۇھەممەت بەگنىڭ چوڭ ئوغلى، يەنى ئىمىن خوجىنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، ئۇ ئاتىسى كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئىنىسى ناسىر بىلەن كىچىكىدىنلا ئورىدا ئىمىن خوجىنىڭ ئالدىدا چوڭ بولىدۇ. زېرەك، ئەقىللىق بالا بولۇپ، ئردا ئىچىدىكى موللىدا دىنىي تەلىم ئالغاندىن كېيىن لۈكچۈن خانلىق مەدرىسەدە ئوقۇپ، پارس، ئەرەب تىل - يېزىقلىرىنى ئۆگىنىدۇ. شۇ جەرياندا پارس، ئەرەب مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇپ، نۇرغۇن كلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇيدۇ. 1891-يىلى زوھورىدىن ھېكىمبەگنىڭ بىر نەۋەر ئاكىسى مۇھەممەت سېيىت ۋاڭ بۇيرۇق بىلەن قەشقەرنىڭ ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلىنىدۇ. ئۇ نەۋەر ئىنىسى زوھورىدىننىمۇ قەشقەرەە بىللە ئېلىپ كېتدۇ. 1826-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى قاھانەىر خوجا قەشەرنى ئىشغال قىلىدۇ. قەشقەردە توپىلاڭ بولۇۋاتقان كۈنلدەردە زوھوردىن بەگ ئات باققۇچى چاكارلر قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ، يېقىن ئىككى سودىگەر بىلەن ئوتۇرا ئاسىياغا ئۆتۈپ، بۇخارا، تاشكەنت، سەمەرقەنتلەردە ئوقۇيدۇ. كېيىن چۆچەككە قايتىپ كېلىدۇ. چۆچەك ئامبىلى زوھورىدىن بەگنىڭ ۋاڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ، ئېلى قاڭقۈنىگە مەلۇم قىلىدۇ. ئىلى جاڭجۈنى 1830-يىلى زوھورىدىن ھېكىمبەگنى قەشقەرگە ھاكىمبەگ قىلىپ تەيىنلەيدۇ.
ھوھورىدىن بەگ قەشقەرەە ھاكىمبەگ بولغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن شۇ زاماندىكى ئالىم _ ئۆلىمالار، شائىرلار ۋە بلىەملىك يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى تاللاپ ئىشقا قويىدۇ. يۇرت سوراشتا ئۇلار بىلەن بار مەسلىھەت ئىش قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن ئوردىدا مەخسۇس دىۋان (كاتپخانە) تەسىس قىلىپ، قەشقەردىكى ئاتاقلىق ئالىم، ئۆلىمالاردىن شائىر ئابدۇرېھىم نىزارى، تۇردۇش ئاخۇن غېرىبى، نورۇز ئاخۇن زىيائى، «سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان تەزگىرىسى» نىڭ ئاپتورى تۇردى شەيخ ئاخۇنۇم، ئوپالنىڭ قۇرۇلبېگى زەيدىن بەگ، قەشقەردىكى ئۇقۇمۇشلۇق ئەرباب، تېبابەت ھۆكۈماسى موللا خوجىلاق، قەشقەرنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى موللا سادىق ئەلەم ئاخۇنۇم قاتارلىق مەشھۇر زاتلارنى ئوردا دىۋانىغا تەكلىپ قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شائىر ئابدۇرېھىم نىزارىنى دىۋان بېگى قىلپ تەيىنلەيدۇ، دىۋاندىكى ئەربابلارغا قەشقەر خەلقىگە ئىلىم - مەرىپەت ئۆگىتىش، جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىلمى، بەدىئىي تارىخى كىتابلىرىنى يېزىشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. زوھۇرىدىن ھېكىمبەگنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، فارابى، ناۋائى قاتارلىق ئالىملرنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرى قەشقەر بەگلىك ئوردىسىدا قايتا كۆچۈرۈلىدۇ، رەتلىنىدۇ، تەجىمە قىلىنىدۇ. قەشقەرنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى موللا سادىق ئەلەم ئاخۇنۇم ئۆزى ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كەلگەن «مەسنىۋى شېرىن» دېگەن كىتابنى كۆچۈرگۈزۈپ، ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مازىرىغا تەنتەنىلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ۋەخپە قىلدۇرىدۇ. زوھورىدىن ھېكىمبەگە يەنە ئوردا دىۋانىدىكى مەشھۇر زاتلاردىن تۇردى شەيخ ئاخۇنۇم بىلەن موللا خوجىلاقنى قەشقەردە مىلادىيە 850-يىللاردىن 1137-يىللارغىچە 280-يىلدىن ئارتۇق سەلتەنەت سۈرگەن، تارىخقا مەشھۇر قاراخانىيلار ىانلىقىنىڭ تارىخىنى رەتلەش، يېزىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
1839-يىلى زوھورىدىن ھېكىمبەگ قەشقەر شەھرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشتىن ئىبارەت چوڭ قۇرۇلۇشنى باشلايدۇ. قەشقەر شەھىرىنىڭ ئەسلىدىكى سېپىلىنىڭ سىرتىغا يەنە بىر قات سېپىل سوقتۇرۇپ، شەھەرنىڭ سىرتىدىكى كوچىلارنى ۋە ھېيتگاھ جامەسىنى شەھەر سېپىلى ئىچىگە كىرگۈزىدۇ، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلدۇرىدۇ. يەنە ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرىنىڭ قەدىم جايى بولغان قەشقەر ئوپالغا چوڭ بىر مەدرسە سالدۇرۇپ، ئۇنىڭغا يەر، سۇ، مال - مۈلۈك ۋەخپە قىلدۇ.
زوھورىدىن ھېكىمبەگ قەشقەردە ئىلىم - مەرىپەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارتىش بىلەن بىللە خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلش ئۈچۈن تۈمەن دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئېتىزلىقلارغا باشلايدىغان، بىر قانچە نۇقتىلىق ئېرىق - ئكستەك چاپتۇرىدۇ، بوز يەر ئاچقۇزىدۇ، نەتىجىدە قەشقەرنىڭ تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلىپ، سودا - سېتىق راۋاج تاپىدۇ. خەلق خاتىرجەم ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. زوھۇرىدىن ھېكىمبەگ يەنە قەشقەردە مەخسۇس خەتتاتلار مەكتىپى قۇرۇپ، ناۋائىنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆچۈرۈتۈپ، مەدرىسلەرگە ۋەخپە قىلىدۇ. گەجدىن ئۇيغۇر نەقىشلىرىنى ئىشلەش، قوليازمىلارنىڭ بەتلىرىگە ۋە كىتاب مۇقاۋىلىرىغا نەقىشلىك خەت يېزىشنى يولغا قويىدۇ، شېئىرغا ھەۋەس قىلىدىغان زوھورىدىن ھېكىمبەگ شۇ يىللاردا يەنە ئۆزىنىڭ غەزەل ۋە لىرىك شېئىرلىرىدىن تەركىب تاپقان «دىۋان زوھورى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يېزىپ پۈتتۈرىدۇ.
زوھورىدىن ھېكىمبەگ 1830 - يىلى قەشقەرگە ھاكىمبەگ بولۇپ، 20 يىلغا يېقىن ئىشلەپ، 1849 - يىلى ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە سالامەتلىكىنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلىدىن ھېكىمبەگ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئانا يۇرتى لۈكچۈنگە قايتىدۇ. 1852 - يىلى لۈكچۈننىڭ دېھقانسۇ دېگەن يېرىدە كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتىدۇ.