روزى ئاخۇن راۋاب
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ياڭ زېڭشىن تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي، قەشقەردە راۋاب بىلەن خەنزۇ مۇزىكىلىرىنى ئورۇندايدىغان بىر ئۇيغۇر سازەندىنىڭ داڭقىنى ئاڭلايدۇ. بۇ كىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر سازەندىسى روزى ئاخۇن راۋابچى ئىدى. ياڭ زېڭشىن ئۇنى كۆرۈشكە ۋە ئۇنىڭ نەغمىسىنى ئاڭلاشقا خۇشتار بولىدۇ. شۇڭا ئۇ مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ، قەشقەردىن راۋابچى روزى ئاخۇننى ئۈرۈمچىگە ئالدۇرۇپ كېلىدۇ. روزى ئاخۇن ئەسلىدە مانجۇلارنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق يېشىل تۇغلۇق يېڭى باتاليونىدا چېرىك بولۇپ، ئالتە يىل ئات باقىدۇ. ئۇ تۇرغان يېشىل تۇغلۇقلار يېڭى ئارىلاشما باتاليون بولۇپ، ئۇلار ئون نەچچە ئۆلكىنىڭ ئادەملىرىدىن تەركىب تاپقانىدى. ئۇلار ھېيت - ئايەم ۋە سەيلە - ساياھەت كۈنلىرىدە غېجەك بىلەن ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك ناخشىلىرىنى ئېيتىشاتتى. بۇلارنى ئاڭلىغان زېرەك روزى ئاخۇن جىڭجۈي، چىڭچاڭ، خۇنەن، خۇاگۇ تىياتىرى، يۆجۈي قاتارلىق خەنزۇ تىياتىرلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئۆگىنىپ، ئۇنى راۋاب بىلەن چېلىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولىدۇ، ھەمدە ئۆزى تۇرغان باتاليوننىڭ سازەندىسى بولۇپ قالىدۇ.
شۇ چاغلاردا قەشقەردە سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. ئۇ تۇرغان باتاليون (يىڭ) تارقىتىۋېتىلىدۇ. روزى ئاخۇن چېرىكلىكتىن بوشاپ يۇرتىغا قايتىپ كېتىدۇ. لېكىن ئۇ ئىشسىز، ماكانسىز بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇ، قەشقەر ھېيتكاھ ناغرىخانىسىدا رامىزان ۋاقتىدا 30 كۈنگىچە مۇقامغا تەڭكەش قىلىپ ناغرا چېلىپ (ئۇ ئەسلىدە راۋاب بىلەن <ئۇن ئىكڭكى مۇقام> چېلىپ خېلى ۋايىغا يەتكەنىدى) ناغرىچىلىق قىلىدۇ. شۇ چاغلاردا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق سەيلىدە سازەندىلەر نەغمە قىلىشتا بىر - بىرسى بىلەن بەسلىشىپ قالىدۇ. بەسلىشىشتە روزى ئاخۇن بىر قانچە يۇرتنىڭ راۋابچىلىرىنى يېڭىپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئارقىدىن يەنە ئۇ راۋاب بىلەن خەنزۇچە بىر قانچە پەدىگە چالىدۇ. بۇ چاغدا ئەتراپتا شىشخال ئويناۋاتقان خەنزۇلار بۇ خەنزۇچە ئاھاڭلارنى ئاڭلاپ، ئويناۋاتقان خەنزۇلار بۇ خەنزۇچە ئاھاڭلارنى ئاڭلاپ، ئويناۋاتقان شىشخاللىرىنى تاشلىۋېتىپ توپقا كېلىپ <خو، خو!> دېيىشىپ باش بارمىقىنى چىقىرىشىدۇ ۋە خوشلۇقىدا روزى ئاخۇنغا 20 سەرلەپ كۈمۈش تەڭگە ئىنئام قىلىشىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن روزى ئاخۇن قەشقەردىكى خەنزۇ ھەربىي - مەمۇرىي ئەمەلدار ۋە سودىگەر، گۆرەكەشلەرنىڭمۇ سازەندىسىگە ئايلىنىدۇ. توي - تۆكۈن، چاغان ۋە باشقا يىغىلىشلار روزى ئاخۇنسىز قىزىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامى ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدۇ. روزى ئاخۇن ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن بارلىق تالانتىنى ئىشقا سېلىپ، خەنزۇ مۇزىكىلىرىنى ناھايىتى ئۇستاتلىق بىلەن چالىدۇ. ياڭ زېڭشىن ۋە باشقا ئەمەلدارلار ئۇنىڭ قابىلىيىتىگە بەكمۇ قايىل بولىدۇ. ياڭ زېڭشىن ئۇنى <سىز ھەقىقەتەن باشى (ماھىر) ئىكەنسىز> دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن روزى ئاخۇن - روزى باشى، روزەك باشى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئادەم بىر ئۆمۈر مۇقامغا ناغرا، راۋاب چېلىپ، ھەم خەنزۇ كلاسىك مۇزىكىلىرىنىڭ باشىسى بولۇپ، 1933 - يىلنىڭ ئاخىرىدا قەشقەردە ۋاپات بولىدۇ. (بۇ نام ئازادلىقتىن كېيىن قەشقەر سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلىگەن روزى ئاخۇننىڭ سازغا بولغان ماھىرلىقىغا قارىتامۇ قوللىنىلغان)