قاسىم سىدىق
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر قاسىم سىدىق 1952 - يىل 3 - ئايدا غۇلجا ناھىيسىنىڭ دادامتۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1959 - يىلدىن 1969 - يىلغىچە ئۆز يۇرتىدا ۋە غۇلجا شەھەرلىك قىزلار مەكتىپى، ستالىن ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە 2 - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، كېيىنچە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، 1984 - يىلدىن 1986 - يىلغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ھازىر غۇلجا ناھىيە دادامتۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
قاسىم سىدىقنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1965 - يىلى سابىق <شىنجاڭ پىئونېرلىرى> گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <تاغقا چىققۇچى قەھرىمانلارغا مەدھىيە> ناملىق شېئىر بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <غايە>، <خۇشامەتگۇيغا>، <مەن مۇشۇنداق قاتىلغا ئامراق>، <خوتەنگە خەت> قاتارلىق ئىخچام، ئەمما چوڭقۇر پىكىرلىك شېئىرلىرى بىلەن شېئىرىيەت ساھاسىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولغان. ئۇ يەنە پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ئاتا - بالا> قاتارلىق پوۋېستلارنى، <خىلۋەتتىكى چوغلۇق> قاتارلىق ھېكايىلارنى يېزىپ، بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىنىمۇ نامايان قىلغان.
قاسىم سىدىق <زۇقلانغۇچىلار پىسخولۇگىيىسىنىڭ زۆرۈرلۈكى>، <زۇقلانغۇچىلار پىسخولوگىيىسىنىڭ كاتېگورىيىلىرى>، <خاراكتېرنىڭ ئۈچ تەركىبي قىسمى ۋە بەدىئىي خاراكتېر توغرىسىدا> قاتارلىق ماقالىلەرنى يازغان.
قاسىم سىدىق ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.