مۇھەممەتئىمىن توختايوپ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى مۇھەممەتئىمىن توختايوپ 1920 - يىلى قەشقەر شەھىرىدە كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1936 - 1937 - يىللىرى ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان، 1937 - يىلدىن 1942 - يىلغىچە <شىنجاڭ گېزىتى> ئىدارىسىدا ئېچىلغان فوتۇگرافلار سىنىپىدا ئوقۇغان ھەم خىزمەت قىلغان، 1943 - يىلى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئىنقىلابىي ياشلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان. مۇھەممەتئىمىن توختايوپ 1945 - يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن، 1946 - يىلى شاڭخەيگە بېرىپ، كىنو فىلىملىرىنى سۈرەتكە ئېلىشنى ئۆگەنگەن، شاڭخەيدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شىنجاڭ ياشلار ئانسامبىلىدا خىزمەت قىلغان، 1948 - يىلى بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن شياڭگاڭغا بارغان، كېيىن شاڭخەيگە قايتىپ كېلىپ، شاڭخەيدە چىقىدىغان <تەڭرىتاغ رەسىملىك ژۇرنىلى> ئىدارىسىدا بىر مەزگىل ئىشلىگەن؛ شاڭخەت ئازاد بولغاندىن كېيىن 1951 - يىلى شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ھەربىي رايون كىنو ئەترىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن، 1969 - يىلى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 49 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
مۇھەممەتئىمىن توختايوپ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخىدىكى تۇنجى رومان ھېسابلىنىدىغان <قانلىق يەر> رومانىنى يازغانلىقى بىلەن ئەدەبىيات تارىخىمىزدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ روماندىن باشقا ئەسەرلىرى ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم ئەمەس. <قانلىق يەر> رومانىدا 40 - يىللارنىڭ باشلىرىدىكى قەشقەر يېزىلىرى ئارق كۆرۈنۈش قىلىنىپ، سادىق بىلەن رەناخاندىن ئىبارەت بىر جۈپ ئاشىق - مەشۇقنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلرى، كونا ئىدىيە، ئەكسىيەتچى كۈچلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى بايان قىلىنغان. رومان ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ مەزگىللەردىكى ئىتىمائىي ھاياتىنى بەدىئىي يوسۇندا كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، خېلى يۇقىرى بەدىئىي قىممەتكە ئىگە. بۇ رومان شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1991 - يىلى خەنزۇچە، 1993 - يىلى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنىپ ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان.