UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىھۈسىيىنخان

ھۈسىيىنخان

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى 1920 - يىللار ئەتراپىدا قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى، تۇرپانلىق ۋاڭ ئەۋلادى ئەبۇلھادى قەشقەر خانئېرىق جامەسىنىڭ خاتىپى ۋە خان مەدرىسىنىڭ مۇدەررىسى، مۇقام ئۇستازى ھۈسىيىنخان (پەيزى) نىڭ ئىلىم - سەنئەت، مۇزىكا - مۇقامچىلىقتىكى داڭقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قەشقەرگە ئائىلىسى بىلەن كۆچۈرۈپ كەلگەن. ئۇنى دەسلەپتە كەنجازا مەدرىسىگە، كېيىن ساقىيە مەرىسىگە مۇدەررىس قىلىپ تەيىنلىگەن. ھۈسىيىنخان پەيزى قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن، ئىلىم تەھسىل قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، مۇزىكا - مۇقامشۇناسلىقتا داڭق چىقىرىپ، قەشقەرنىڭ ئالدىنقى ئەسىردىكى مۇقامچىسى بولۇپ قالغان. ئەبۇلھادى ھېكىم بەگ ھۈسىيىنخان پەيزىنىڭ ئىلىم - بىلىمدىكى تالانتىغا قايىل بولۇپ،ئۇنى ئۇستاز تۇتقان ۋە يېقىن مەسلىھەتچىسى قىلغان. ھۈسيىنخان پەيزى ھېكىم بەگ ھۇزۇرىدا بولغان كۈنلەردە ئۇنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۈچتۇرپان، كۇچا، تۇرپان ۋاڭلىرى ئەۋەتكەن ئوردا مۇقامچىلىرى ۋە قەشقەرنىڭ ئاتاقلىق مۇقامچىسى بايىز موللا (خەلق بايىز ساتار دەپ ئاتايدۇ)، ئۆز ئوغۇللىرىدىن ھېلىم ساتار، سېلىم داپەندە قاتارلىق كىشىلەرگە مۇقام ئۇستازى بولغان، شۇنداقلا خەلق ئاغزىدا ئېيتىلىپ يۈرگەن مۇقاملارنى قېلىپلاشتۇرغان. مۇقامغا سېلىنغان غوجايىز، شېراز، ئەدىھەم، سۇفى ئاللايار، خوجائەخمەت يەسىۋىلەرنىڭ تەركى دۇنيالىق تەرغىپ قىلىنغان شېئىرلىرى ئورنىغا ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن تولغان مۇھەببەتنامىلەر ۋە مەشرەپ شېئىرلىرىنى سېلىپ، مۇزىكا ساداسى بىلەن شېئىرنىڭ ئىلتىجاسىنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇقامنى كىشىنىڭ روھىي دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دەرىجىگە يەتكۈزگەن. 1928 - يىلى جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭى بېسىقتۇرۇلغاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جايلاردىكى ۋاڭ - گۇڭلارنى بىر قېتىم ئالماشتۇرغان. بۇ چاغدا ئەبۇلھادى ھۈسىيىنخان پەيزى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ھېلىم، سېلىمنى بىللە ئېلىپ كېتىپ، كۇچا، تۇرپان، ئىلى قاتارلىق جايلاردا بىر نەچچە يىل بىللە تۇرغان. مۇشۇ جەرياندا ھۈسىيىنخان پەيزى كۇچا ئوردا مۇقامچىلىرىغا ئۇستاز بولغان، تۇرپاندا ھەسەنبالا، ئابدۇلبالا، غوجەك سۇنايلارغا سۇناي، داپ بىلەن ئورۇندايدىغان مۇقامنى ساتار بىلەن ئورۇنداشنى ئۆگەتكەن، ۋاڭ - گۇڭلارغا توقۇلغان مەدھىيە تېكىستلىرىنى ئومۇملاشقان تېكىستلەرگە ئۆزگەرتىپ ئېيتىشنى قېلىپلاشتۇرغان. 1836 - يىللاردا، گۇناھىنى يۇيۇپ قايتا غۇلجىغا ھاكىم بەگ بولغان خالزاتخان (خالزاتخان غۇلجىدىن خاتالىشىپ مەنىسىپى ئېلىنىپ تۇرپانغا ئەۋەتلىگەن) ئەبۇلھادى ۋاڭ بولغاندىن كېيىن ھۈسىيىنخان پەيزىنى بالىلىرى بىلەن غۇلجىغا ئېلىپ چىققان. ھۈسىينخان پەيزى شۇنىڭدىن كېيىن ئىلىغا 12 مۇقامنى سىستېمىلىق تارقاتقۇچى تۇنجى مۇقام ئۇستازى بولغان. 1840 - يىللىرى ھۈسىيىنخان پەيزى مۇزات يولى بىلەن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، ئۇزاق ئۆتمەي قېرىلىق ۋە كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ جەسىتى سېيىت جالاۋىدۇن باغدات بىلەن ئاقمازار گۈمبىزى ئارىلىقىغا دەپنە قىلىنغان. ھۈسىيىنخان پەيزى ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھېلىم، سېلىم كامالەتكە يەتكەن مۇقامچىلاردىن بولۇپ يېتىلگەنىدى. 1865 - يىلى دۆلەت (ياقۇپ بەگ) قەشقەردە ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كېيىن، ئوردا ئوركېستىرى قۇرۇلغان. بەدۆلەت جايلاردىن تاللاپ ئېلىپ كېلىنگەن سازەندە، مۇقامچىلارنى ياراتمىغان. شۇ كۈنلەردە ھۈسىيىنخان پەيزىدىن تەلىم ئالغان بايىز موللا ئوردىغا ئېلىپ كېلىنگەن. لېكىن ئەينى ۋاقىتتا قېرىپ قالغان بايىز موللا ئۇنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمىغان. شۇڭا ئۇ ئۇستازىنىڭ ئوغلى ھېلىم، سېلىمنى ئوردىغا تونۇشتۇرغان. ئۇلارنىڭ ئورىدا تۇرۇش جەريانىدا بەدۆلەتنىڭ سىرداشلىرىدىن بولۇپ قالغان. بەدۆلەت شىمالىغا يۈرۈش قىلغاندا ھېلىمل خەلپەت، سېلىم خەلپەتلەرمۇ بىللە بولغان. بەدۆلەت ئاقسۇدىن ئۆتكەندە، كۇچا، ئۈچتۈرپان ۋە شايار بەگلىرىنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىپ، 30 مىڭ ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغان.بۇ زور چىقىمدىن خۇرسىنغان بەدۆلەت ئۈچ كۈن گەپ قىلماي يۈرگەن. بۇ چاغداد مۇقامچىلار مۇقام ئېيتقان. بەدۆلەت مۇقامنى قايتۇرۇپ ئېيتشنى ئۈچ قېتىم تەلەپ قىلغان ۋە ئۇلارغا ئىنئام بەرگەن. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي بەدۆلەت ئۇلارنى يەنە مۇقام ئېيتىشقا بۇيرۇغان. لېكىن ئۇلارنىڭ ئاۋازى پۈتۈپ قېلىپ ياخشى ئېيتالمىغان، بۇنىڭغا ئاچچىقلانغان زالىم بەدۆلەت مېھمانلىرىم ئالدىدا يۈزۈمنى چۈشۈردى دەپ ، ھېلىم، سېلىمنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى