دىلبەر قەييۇم
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىرە دىلبەر قەييۇم 1958 - يىل 1 - ئايدا قەشقەر شەھىرىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇپ تاماملىغان، 1973 - يىلىدىن كېيىن قەشقەر شەھىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، 1981 - يىلى <قەشقەر ئەدەبىياتى> ژۇرنىلىدا مۇھەررىرلىك بىلەن شۇغۇللانغان، 1988 - يىلدىن 1993 - يىلغىچە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر يەنە <قەشقەر ئەدەبياتى> ژۇرنىلىدا مۇھەررىر.
دىلبەر قەييۇم ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1980 - يىلى <قەشقەر گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <بولسا بىر تامچە> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ <ياشلىققا سوئال>، <ئويغان بالام>، <بولسا> قاتارلىق باللادىلارنى ئېلان قىلغان.
دىلبەر قەييۇم 1983 - يىلدىن تارتىپ ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ <ئانا>، <تىترىگەن يۈرەك>، <ھەقىقەت ئوغلى>، <قاينام> قاتارلىق بىر تۈركۈم ھېكايىلارنى يازغان.
دىلبەر قەييۇمنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <تامچە> (1984 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى ۋە <تىترىگەن يۈرەك> (1988 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇرلار نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى بار.
دىلبەر قەييۇم ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.