نەيىم يۈسۈپ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر نەيىم يۈسۈپ 1939 - يىل 12 - ئايدا تۇرپان شەھەر يار يېزىسىدا تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تۇرپاندا ئوقۇپ تاماملىغان. 1955 - يىلدىن 1960 - يىلغىچە شىنجاڭ نىفىت تېخنىكومىدا ئوقۇغان. ئۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ 1992 - يىلغىچە قارا مايدا ئوقۇتقۇچى، <شىنجاڭ نىفېت گېزىتى> دە مۇھەررىر، شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سانائەت - قاتناش بۆلۈمىدە، شىنجاڭ نېفىت ئىنىستىتۇتىدا تەشۋىقات كادىرى بولۇپ ئىشلىگەن، 1992 - يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش باشقارمىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ.
نەيىم يۈسۈپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائاليىتى 1957 - يىلى <شىنجاڭ نېفىت گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <مەنمۇ بارىمەن قوينۇڭغا> ناملىق تۇنجى شېئىرى بىلەن باشلانغان. ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا <مۇئەللىم>، <ئاتۇش يانار دىلىمدا> قاتارلىق 200 پارچىدىن كۆپرەك شېئىرى ئېلان قىلىنغان. نەيىم يۈسۈپ يەنە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان.
نەيىم يۈسۈپنىڭ <ۋىجدان بۇيرۇقى> ناملىق شېئىرلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1995 - يىلى نەشر قىلىنغان، ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى <غەزەلخان بىز>، <ھايات باھارى>، <ئالتۇن بۇلاقلار> قاتارلىق توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
نەيىم يۈسۈپ ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى