UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئابدۇللا تالىپ

ئابدۇللا تالىپ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر، يازغۇچى، پېداگوك ئابدۇللا تالىپ 1926 - يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ، باشلانغۇچ مەلۇماتىنى ئۇقۇمۇشلۇق چوڭ دادىسىنىڭ تەربىيسىدە ئالغان.1943 - يىلدىن 1946 - يىلغىچە ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇزاق مۇددەت مائارىپ سېپىدە خىزمەت قىلغان، 1955 - يىلدىن 1956 - يىلغىچە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىدا ئىشلىگەن، شىنجاڭ مائارىپ تەتقىقات ئورنىدا مائارىپ تەتقىقاتى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، ھازىر پېنسىيدە. ئابدۇللا تالىپ ئەدەبىيات ساھەسىگە 1945 - يىلى <ئاقسۇ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <شامالغا خىتاب> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ <كۈرەش سىگنالى>، <غايە>، <ئىشقىدا> قاتارلىق كۆپلىگەن شېئىرلارنى يازغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى بەزى كوللېكتىپ شېئىرلار توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن. ئابدۇللا تالىپ كېيىنكى يىللاردا پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ئىنقىلابىي ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن <قاينام ئۆركىشى> رومانى بىلەن 1940 - يىللاردىكى ئىجتىمائىي رېئاللىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن <چالا تەگكەن ئوق> رومانىنى يازغان. ئۇ يەنە 1940 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا <ئەركىن جانان>، <سۆيگۈنۈم ئەلا> قاتارلىق دارامىلارنى يازغان. ئابدۇللا تالىپ يەنە ئۇيغۇر مائارىپ تارىخچىسى بولۇپ، <ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئۇچېرىكلار> ناملىق ئىككى قىسىملىق كىتابنى ۋە بىر مۇنچە تارىخىي، ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان. ئابدۇللا تالىپنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن <قاينام ئۆركىشى> (1983 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <چالا تەگكەن ئوق> (1985 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانلىرى، <جۈپ ھەيكەل> (1988 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار. ئابدۇللا تالىپ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابدۇللا تالىپ | UyghurWiki | UyghurWiki