ئەمەت دەرۋىش
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
نەسرچى ۋە ئوبزورچى دەرۋىش 1956 - يىل 10 - ئايدا قەشقەر شەھىرىگە تەۋە نەزەرباغ يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسى ۋە قەشقەر شەھىرىدە تۈگەتكەن، 1978 - يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
ئەمەت دەرۋىشنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1981 - يىل <قەشقەر گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <ئۇچتۇم> ناملىق نەسرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن بېرى ئىزچىل تۈردە نەسر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ئۆركەشلە، ئەزىم دەريا>، <سەھەردىكى چۈش>، <نۇر ئوغلى>، <كۇچا تەسىراتلىرى>، <باھار چېچەكلىرى>، <تىمتاسلىقتىكى ئويلار>، <ئۇ ئىنسان قەلبىدە، ئۇ قەلبىم تۆرىدە>، <يالقۇن ئىچىدىكى يالقۇنلۇق ئويلار>، <تۇيغۇدىن تۇغۇلغان تەسىرات> قاتارلىق نەسرلەرنى يېزىپ، بەلگىلىك تەسر قوزغىغان.
ئەمەت دەرۋىش يەنە ئوبزورچىلىق ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <نىمشېھىت ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ھەققىدە>، <كونا تېما، يېڭى تۇيغۇ>، <ئىنسان قەلبىگە ئوقۇلغان مەدھىيە> قاتارلىق ئوبزور ۋە ماقلىلەرنى يېزىپ، جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن.
ئەمەت دەرۋىشنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <كىتابخانلىق تەسىراتلىرى> (مۇھەممەت پولات بىلەن بىللە، 1987 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ئەدەبىي ئوبزۇرلار توپلىمى، <نۇر ئوغلى> (مۇھەممەتتۇرسۇن ئىبراھىم بىلەن بىللە، 1993 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق نەسرلەر توپلىمى بار. <ساقال ھەققىدە پاراڭ> دېگەن توپلامغا ئۇنىڭ بىر قىسىم ھېكايىلىرى كىرگۈزلگەن.
ئەمەت دەرۋىش ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.