UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئىسمائىل ھاجى

ئىسمائىل ھاجى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئىسمائىل ھاجى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيىسىدە 1867 - 1850 - يىللار ئارىلىقىدا ئۆتكەن تونۇلغان شائىر ۋە ماھىر خەتتات. ئىسمائىل ھاجىمنىڭ ئۇيغۇر، ئەرەب ۋە پارس كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن چوڭقۇر تونۇشلۇق بار، بىر قەدەر يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە، خەلقپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر زات ئىكەنلىكى مەلۇم. ئۇ ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنى مۇكەممەل بىلگەن ۋە ئۆزىنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى پارس تىلىدا يازغان. شائىر ئىسمائىل ھاجى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باغلاپ تۇرغۇچى مەرىپەتپەرۋەر شائىر، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى ھۈسەيىنخان تەجەللى - مۇجەللى بىلەن ناھايىتى يېقىن ئۆتكەن. تەجەللىنىڭ «كىرامى بۇرادەر، جان بىرلە باراۋەر ئىسمائىل ھاجى جانابلىرىغا، دەردمەن دوستىلىرىنىڭ سەرگۈزەشىت ھېكايىسى ۋە شىكايىتى» دېگەن جۈملىنى سۆز بېشى قىلىپ يازغان بىر پارچە شېئىرىي مەكتۈبى (بۇ مەكتۈب «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ 1981 - يىل 2 - سانىدا ئىسمائىل ھاجى شېئىرلىرى بىلەن بىللە ئېلان قىلىنغان.) بۇنىڭ دەلىلىدۇر. تەجەللى ھاياتىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ئىسمائىل ھاجىنىڭ تەكلىپى بىلەن يۇرتى قاغىلىقتىن گۇمىنىڭ كىليەڭ يېزىسى كوھتام دەريا بويىغا كۆچۈپ كېلىپ ئىجادىيەت ۋە تېۋىپلىق بىلەن شۇغۇللانغىنىدا، ئىسمائىل ھاجى بىلەن قويۇپ مۇناسىۋەتتە بولغان. ئىسمائىل ھاجى ئۆز ھاياتىدا كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسىلىق قىلىپ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يېتىلدۈرگەن، خەلق ئىچدە تونۇلغان شائىر ئىدى. بىز ئۇنىڭ لىرىك شېئىرلىرىدىن«چاغاتاي ئەدەبىياتى» دەۋرىدىن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى دەۋرىگە ئۆتۈۋاتقان ئۆتكۈنچى دەۋرنىڭ، يەنى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ خاسلىقى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى ئامىللىرىنى كۆرىمىز. ئىسمائىل ھاجى ھاياتلىقىدا شېئىرلىرىنىڭ بىرقىسمىنى رەتلەپ دىۋان قىلىپ تۈزۈپ چىققان. لېكىن كېيىنكى دەۋرلەردە مەرھۇم شائىرنىڭ دىۋانى «يىغىۋېلىش» قا ئۇچراپ، خىلى كۆپ قىسمى نابۇت بولغان ۋە يوقالغان. بەختكە يارىشا، قالغان بىر قىسىم ئەسەرلەر يولداش مۇھەممەد چاۋارنىڭ تىرىشچانلىقى، گۇما ناھىيە قوشتاغ يېزىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنىڭ ياردىمى بىلەن قۇتقۇزۇۋېلىنغان. يولداش مۇھەممەد چاۋار بۇ شېئىرلاردىن 20 پارچىدىن كۆپرەكىنى نەشىرگە تەييارلاپ، 1980 -، ۋە 1986- يىللىرى «يېڭى قاشتېشى»، «بۇلاق» قاتارلىق ژۇرنال، مەجمۇئەلەردە ئېلان قىلغان. مۇشۇ بىر قانچە يىلدا شائىر ئىسمائىل ھاجىنىڭ يەنە كۆپلىگەن ئەدەبىي مىراسلىرى تېپىلىپ رەتلەندى ۋە نەشىرگە تەييارلاندى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئىسمائىل ھاجى | UyghurWiki | UyghurWiki