UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىناسىر بەگ

ناسىر بەگ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ناسىر بەگ ھەسەن ئوغلى، 1891 - يىلى كورلىدا تۇغۇلغان. ئۇ ئائىلە تەربىيىسىنى ئالغاندىن كېيىن دەسلەپ دىنىي مەكتەپتە، كېيىن 1902 - يىلىدىن 1908 - يىلىغىچە خەنزۇچە شۆتاڭدا ئوقۇغان. ئۇ، كىچىكىدىنلا كىچىك پېئىل، مۇلايىم، چىقىشقاق ۋە زېرەك بولغاچقا، كورلا، قارا شەھەر ئەتراپىدا يۈرۈپ مۇڭغۇللار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش جەيانىدا مۇڭغۇل تىل يېزىقىنى ئۆگىنىۋالىدۇ. ئۇنىڭ خەنزۇ، مۇڭغۇل ۋە ئۆز تىلىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىل يېزىقنى بىلىشى شۇ زاماننىڭ شارائىتىدىن ئېيتقاندا بىر «مۆجىزە» ئىدى. ناسىر ھەسەن ئەشۇ تالانتى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلىدۇ. ناسىر ھەسەننىڭ خەنزۇ، مۇڭغۇل تىلىنى بىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان قارا شەھەردىكى مۇڭغۇل ۋاڭ ناسىر ھەسەنگە يۇقىرى مائاش بېرىپ ئۆزىگە تەرجىمان قىلىۋالىدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ۋاڭ ئوردىسىدىكى ئوردا ئەمەلىدارى بولۇپ ئىشلەيدۇ، كىشىلەرمۇ ئۇنى ئەمەل دەرىجىسى بەگ نامى بىلەن ئاتايدۇ. 1910 - يىللىرى چىڭ سۇلالىسى بەربات بولغان، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىرىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەش ئەۋجىگە چىققان. سۇن جۇڭسەن رەھبەرلىك قىلغان ئۇلۇغ شىنخەي ئىنقلابىنىڭ بورىنى شىنجاڭغىمۇ يېتىپ كەلگەنىدى. ئۈرۈمچىدىكى ھەر مىللەت خەلقى ۋە سودىگەرلىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى چىرىك ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەتكە كېلىدۇ. ئۇلار ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئىچىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىرىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ھەرىكەتكە كېلىدۇ. ئۇلار ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمەت ئارمىيسى ئىچىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىرىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تەشكىلاتنىڭ بارلىقىنى بىلسىمۇ ئۇلار بىلەن ئالاقە باغلاش ۋە تىل مەسىلىسىدە قىسىلىدۇ. .. بۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىكى سودىگەرلەرنىڭ شاڭزۇڭى روزى ھاجىم ئۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى قارا شەھەر مۇڭغۇل ۋاڭى بىلەن بولغان سۆھبىتىگە (تىجارەت ئىشلىرىدا) تەرجىمانلىق قىلغان ناسىر بەگنى ئەسكە ئېلىپ، ئۇنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلش قارارىغا كېلىدۇ ھەمدە بۇ ئىشنى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىدىن يۈسۈپ ھاجىم، ساقى ئاخۇنباي، تۇردى ئاخۇن شاڭزۇڭ، ياڭخاڭدىكى بىر بۆلۈم ئۆزبېك، تاتار مۆتىۋەر سودىگەرلەر ۋە مەرىپەتپەرۋەر زاتلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ناسىر بەگنى 1911 - يىلى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىدۇ. ناسىر بەگ ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن روزى ھاجىم باشلىق يەرلىك زاتلارنىڭ ئىنقىلابچىلارنى ئىزلەش ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىشتا تەرجىمانلىق، ئالاقىچىلىك رولىنى ئوينايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىنقىلابچىلار بىلەن يەرلىك كىشىلەر ئوتتۇرسىدا ئىنقىلابىي بىلەن يەرلىك كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ئىنقىلابىي بىرلىك ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىلىدۇ. كېيىن مەركىزىي ھۆكۈمەت ئۈرۈمچىدە قوراللىق قوزغىلاڭ ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ليۇشەجۈننى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىدۇ. ليۇشەنجۈن 1911 - يىلى 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۈرۈمچىگە كېلىپ قوزغىلاڭچى قوشۇن تەشكىللەشكە كىرىشىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى ھەر مىللەت خەلقى جۈملىدىن روزى ھاجىم، ساقى ئاخۇنباي، تۇردى ئاخۇن شاڭزۇڭ قاتارلىق كىشىلەر قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن 25 مىڭ سەر ئۆلكە پۇلى ياردەم قىلىدۇ. يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئىنقىلابچىلار بىلەن بولغان مۇشۇ بىر قاتار ئىشلىرىدا ناسىر بەگ ئالاھىدە زور رول ئوينايدۇ. ليۇشەنجۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ھەر مىللەت خەلقى ۋە ۋەكىللىرى بىلەن قوزغىلاڭغا جىددىي تەييارلىق كۆزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىلىدىكى ئىنقىلابچىلار ۋە قوراللىق قوشۇننىڭ رەھبىرى ياڭ زەنشۈي بىلەن مۇناسىۋەت باغلايدۇ. بۇ چاغدا ھەر بىر قايسى جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئالاقىچىلىككە ناسىر بەگ تاللىنىدۇ. ئۇ ئىلغا ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىدىن روزى ھاجىم، ساقى ئاخۇنباي، تۇردى ئاخۇن شاڭزۇڭلارنىڭ ئىلىدىكى ھۈسەنباي ھاجىم، ياقۇپباي، ھېكىم بەگ ھاجىغا يوللىغان مەكتۇپى ۋە ئاغزاكى تاپىلىغان ئىنقىلابىي پائالىيەتنى قوللاش ھەرققىدىكى پىكىر بايانلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. نەتىجىدە ئىلىدىكى بۇ ئۈچ مەشھۇر زات باشلىق ھەر مىللەت خەلقى ئىنقىلابىنى قىزغىن قوللايدۇ ۋە نۇرغۇن ئىقتىسادىي، ماددىي ياردەم بېرىدۇ.ئىلىدىكىلەرنىڭ ياڭ زەنشۈي باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ۋاڭ قادىر (خۇيزۇ) تەرجىمانلىق، ئالاقىچىلىك قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئىلى ۋە ئۈرۈمچىدە قورغىلاڭ باشلىنىدۇ. ناسىر بەگ بۇ قېتىم ئىلىغا بارغاندا ئۈرۈمچىدىكى ئىقىلابچىلار بىلەن ئىلىدىكى ئىنقىلابچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىلىدىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئىنقىلابچىلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلىشى ۋە ئىنقىلابنى قوللىشى جەھەتلەردە ئالاھىدە رول ئويغاندۇ. 1911 - يىلى 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئۈرۈمچىدە ليۇشەنجۈن باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان قوزغىلاڭ 30 - چىسىلا مەغلۇپ بولىدۇ. ئىنقىلابچىلار بۇ ئىككى كۈنلۈك ئۇرۇش جەريانىدا ھازىرقى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئارقا قورۇسى ئەتراپىغا جايلاشقان تۈگمەنلەرگە يوشۇرۇنۇپ جەڭ قىلىدۇ. ئەنە شۇنداق خەۋپلىك چاغلاردا ناسىر بەگ يوشۇرۇنۇپ جەڭ قىلىدۇ. ئەنە شۇنداق خەۋپلىك چاغلاردا ناسىر بەگ ئۈرۈمچىدىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئىنقىلابچىلارنى قوللاپ ئەۋەتكەن يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلىش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ. 1912 - يىلى (مىنگونىڭ 1 - يىلى) 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئىلى جۇمھۇرىيەت ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ، ئىنقىلابچىلار جىڭغا كېلىپ ئورۇنلارشقاندا ناسىر بەگ، ئابلا ئاخۇن قاتارلىق كىشىلەر ئۈرۈمچىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئۇلاردىن ھال سوراشقا بارىدۇ. لېكىن شىخۇغا بارغاندا يۈەن داخوا ئىلى ئارمىيىسىگە قارشى چىقارغا قوشۇننىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن شىخودىن قايتىدۇ. 1912 - يىلى 5 - ئايدا، ياڭ زېڭشىن شىنجاڭنىڭ دودۇلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئىلى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى بىلەن 11 ماددىلىق بېتىم ئىمزالاپ جۇمھۇرىيەت تۈزۇمى يۈرگۈزىدۇ. بۇ چاغدا خەلق سايلىمى بىلەن روزى ھاجىم يىجاڭلىققا سايلىنىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن روزى ھاجىم ناسىر بەگنى ئۆزىگە تەرجىمان قىلىپ ئىشلىتىدۇ. بۇ جەرياندا ناسىر بەگ ياڭ زېڭشىننىڭ كۆزىگە چېلىقىدۇ - دە، ياڭ زېڭشىن ئۇنى ئۆزىگە تەرجىمان ۋە فۇگۇەن قىلىپ تەيىنلەيدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ناسىر بەگ رەسمىي ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئىشلەشكە كېىشىدۇ. 1912 - يىلىدىن 1928 - يىلىغىچە شىنجاڭ ئۆلكىلىك يىخۇيدا ئىش بېجىرگۈچى، ۋېييۈەنجاڭ، مەسلىھەتچى، قوشۇمچە يىخۇي تەرجىمانى بولىدۇ. كېيىن ئۇ ياڭ زېڭشىننىڭ فۇگۇەنچۇ (ئاديۇتانتلار باشقارمسى) ۋە مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىدا ئىشلەيدۇ. 1928 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ياڭ زېڭشىن ئۆلتۈرۈلۈپ جىن شۇرېنغا فۇگۇەن، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە مەسلىھەتچى، قوشۇمچە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن 1933 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شېڭ شىسەي تولۇق ھوقۇق ئىگىلىگەندىن كېيىن، 1938 - يىلىدىن 1939 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭ مۇسادىرە ھەيئىتىدە ھەيئەت بولىدۇ. 1940 - يىلىدىن 1941 - يىلىغىچە شىنجاڭ ئۆلكىلىك بانكا باشلىقى ۋە مۇسادىرە قىلىۋېلىنغان نەرسىلەرنى قايتۇرۇش ھەيئىتىدە ئىشلەيدۇ. 1941 - يىلىنىڭ ئاخىرى قولغا ئېلىنپ 1945 - يىلغىچە شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ياتىدۇ. ۋۇجۇڭشىن ئۆلكە رەئىسى بولغاندىن كېيىن، سىياسىي جىنايەتچىلەر قاتارىدا تۈرمىدىن بوشىتىلىپ، 1946 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچى يەرلىك ماللار شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولىدۇ. 1946 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچى يەرلىك ماللار شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولىدۇ. 1946 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1953 - يىلى 7 - ئايغىچە مۇئاۋىن شەھەت باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. 1950 - يىلى 1 - ئايدىن 1955 - يىلى 1 - ئايدا شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش رەسمىي قۇرۇلغانغا قەدەر 1 - نۆۋەتلىك شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش كومتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1955 - يىلى 11 - ئايدىن ئاخىرقى ئۆمرىگىچە (1979 - يىلىغىچە) جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - ، 2 - ، 3 - ، 4 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋەكىلى، سايلام ھەيئىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، سايلام ھەيئىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باش سودىيە قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1962 - يىلى مەرھۇم ناسىر بەگنىڭ ئۆز يار - بۇرادەرلىدىن شاكىر ئەلەم، تېۋىپ باي ئاخۇن ۋە پەتتاخ شەنجاڭ قاتارلىقلار بىلەن بولغان بىر قېتىملىق شەخسىي سۆھبىتىدە مەنمۇ بىللە بولغانىدىم. بۇ تۆت تارىخىي شەخىس ئۆتمۈش ھەققىدە سۆھبەتلىشىپ، سۆز ناسىر بەگكە كەلگەندە، «مەن ياڭ زېڭشىن دەۋرىدە ھۆكۈمەت ئىشىغا ئارىلاشتىم، ياڭ، جىن، شېڭ، گومىنداڭدىن ئىبارەت تۆت دەۋىرنىڭ مۇستەبىت سىياسىتىنى باشتىن كەچۈردۈم. ئۇنىڭ پۇت - قول چوماقلىرى بولدۇم. بۇ دەۋىرنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى قىلماي بولمىدى. لېكىن خەلق ۋە ئادالەت تەرەپتە تۇرۇشنى ئادەت قىلدىم. خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، بيۇروكراتلىقتەك يامان ئىللەتلەرنى ئۆزۈمگە يۇقتۇرمىدىم. شۇڭا مەن ئارىلاشقان ياڭ زېڭشىن بىلەن تۆمۈر خەلىپە سۆھبىتى، جىن شۇرېن بىلەن خوجىنياز ھاجىم ئوتتۇرىسدىكى سۆھبەت، كېلشىملەردە ھېچقايسى تەرەپكە يان باسمىدىم، ۋەزىپە ئۆتىدىم. ئەمما كىشىلەر بىلەن بولغان ئىنسانى مۇئامىلىنى بىرىنچى دەپ بىلىدىم. ئازادلىقتىن كېيىن يەنىلا چوڭ - چوڭ ۋەزىپىلەردە بولدۇم. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى بىجانىدىل بېجىردىم. ھال - ئەھۋال ئېيتقان كىشىلەنىڭ ھالىغا يەتتىم. دېمەك، ئۆمرۈم بويى ئامما بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ھەممىنى تەڭ رازى قىلدىم. شۇڭا ئالاھىدە تالانت ۋە تەدبىرلىك بولمساممۇ ھەرقايسى دەۋىرنىڭ تەلىپىدىن چىقتىم. » دېگەنىدى. يۇقىرقىلاردىن مەلۇمكى ناسىر بەگ ئۆز ھاياتىدا ئازاتلىقتىن كېيىنكى دەۋىر بىلەن بەش دەۋىرگە خىزمەت قىلىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئىسسىق - سوغۇقلارنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن، كۆپنى كۆرگەن، كۆپنى بىلىدىغان، تەجىرىبىلىك، خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياققان جامائەت ئەربابى. ئەپسۇسكى كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ بىلەن تولۇقراق سۆھبەتتە بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىدىن خاتىرە قالدۇرالمىدۇق. ناسىر بەگ 1979 - ئۈرۈمچىدە كېسەل سەۋەبدىن 88 يېشىدا ۋاپات بولدى. مەرھۇمنىڭ جەسىتى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە جامائەتچىلىكنىڭ زور قايغۇسى ئىچىدە ئەلدىن ئايرىلدى. لېكىن ئۇنىڭ مۇلايىم، ئىللىق پەزىلىتى ئامما ئىچىدە زور تەسىر كۆرسىتىپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى