UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمۇھەممەتسىدىق تۆمۈرى

مۇھەممەتسىدىق تۆمۈرى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر مۇھممەتسىدىق تۆمۈرى 1942 - يىلى قەشقەر شەھىرىگە تەۋە دۆلەتۋاغ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1950 - يىلدىن 1960 - يىلغىچە قەشقەر شەھىرىدە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1960 - يىلدىن 1963 - يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئىشلىگەن. مۇھەممەتسىدىق تۆمۈرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1958 - يىلى شېئىرىيەت بىلەن باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان، ئىجادىيىتى ئاساسەن بالىلارغا بېغىشلانغان بولۇپ، شېئىردىن باشقا، ھېكايە، نەسرلەرنىمۇ يازغان، يېزىقچىلىق مەسىلىلىرى ۋە ئوقۇتۇش ھەققىدىمۇ تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر قىسىم ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. مۇھەممەتسىدىق تۆمۈرىنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <شادلىق ناۋاسى> (1984 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <قارلىغاچ> (ئابلىكىم روزى بىلەن بىللە، 1984 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى، <يېزىقچىلىق بىلىملىرى> (1988 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق مەخسۇس ئەسىرى بار. ئۇ يەنە <بۇلبۇل ناۋاسى>، <ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى> قاتارلىق كىتابلارنى نەشرگە تەييارلىغان. مۇھەممەتسىدىق تۈمۈرى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مۇھەممەتسىدىق تۆمۈرى | UyghurWiki | UyghurWiki