خەمىت ھەكىمى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
خەمىت ھەكىمى (خەنزۇچە ئىسمى خامىدا) لۈكچۈنلۈك بولۇپ، موزدۇز ھېكىم ئاخۇننىڭ ئائىسلىدە 1906 - يىلى دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 10 نەچچە ياشقىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولىدۇ. كېيىن ئۈرۈمچىدە خەنزۇچە مەكتەپ (شۆتاڭ) دا ئوقۇۋاتقان ئاكىسى ئابدۇلئەزىز ھەكىمى ئۇنى خەنزۇچە ئوقۇشقا ئېلىپ كېلىدۇ. نەتىجىدە ئۇ 1922 - يىلى خەنزۇچە مەكتىپىگە كىرىپ، جىن شۇرېن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان يىلى مەكتەپ پۈتتۈرىدۇ. ئۇ چاغدا ئاكىسى ئابدۇلئەزىز ھەكىمى چۆچەكتە مۇھىتوۋلارنىڭ تەرجىمانى ۋە خىزمەتچىسى ئىدى. ئۇ، خەمىت ھەكىمىنى چۆچەككا چاقىرتىپ چۆچەك <توران> مەكتىپىگە ئوقۇشقا بېرىدۇ. زېرەك ۋە تىرىشچان خەمىت مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرىدۇ.
ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن چۆچەكتىكى <بىزنىڭ تاۋۇش> گېزىتى ۋە چۆچەك ھاكىمى مەنسۇرغا تەرجىمان بولۇپ ئىشلەيدۇ. 34 - يىلى ئۇ، تاتار قىزى پەرىدە ئەلىيۋا بىلەن تۇرمۇش قۇرىدۇ.
1936 - يىلى، شېڭ شىسەي نامىدىن يېزىلغان بۇيرۇق بىلەن ئۇ ئائىلىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىدۇ - دە، <شىنجاڭ گېزىتى> دە تەرجىمان، <جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ئۇيۇشما>نىڭ نەشر ئەفكارى، <جاھانگىرلىككە قارشى سەپ> نىڭ تەرجىمانى ۋە تەھرىرى، شېڭ شىسەينىڭ پەلسەپە تەرجىمانى، (شېڭ شىسەي ئالىي مەكتەپلەرگە پەلسەپە دەرسى بېرەتتى) سىياسىي كۇرسى تەرجىمان بۆلۈم باشلىقى ۋە دەرس تەرجىمانى، كېيىن چېن تەيچۇ، ماۋزېمىن ۋە لىن جىلۇلارنىڭ تەرجىمانى، قوشۇمچە مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشما ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەش بىلەن مەدەنىي مائارىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان.
كېيىن ئۇ، شېڭ شىسەي يازغان <ھۆكۈمەت ئالدىدىكى مۇھىم ۋەزىپىلەر> دېگەن كىتابىنى تەرجىمە قىلغان.
خەمىت ھەكىمى چۆچەك <بىزنىڭ تاۋۇش> گېزىتىدە ئىشلىگەندە، گېزىت مۇھەررىرى نىياز ئىسھاقى بىلەن تونىشىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئىلغار ئىدىيىۋى سېستىما، ماركسىزم - لېنىنىزىم تەربىيىسىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنغان ھەرخىل سىياسىي كىتابلارنى ئېلىپ ئوقۇيدۇ. مەرىپەتپەرۋەر مەخسۇت مۇھىتى بىلەن ئۇچرىشىپ (چۆچەكتە) ئۇنىڭدىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سوراپ بىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭدا مىللەتنى ئويغىتىش ئارزۇسى بارلىققا كېلىدۇ.
1935 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەينىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ۋاڭ شۇچىڭ (يۈي شۇسۇڭ)، ۋەتەن شەنتىڭ (جاڭ يىفەن)، ۋاڭ باۋجىيەن (جاۋشى)، جىڭ يى جۈن (رىن بويى)، ليۇ شەنچىڭ، لۇەن باۋتىڭ (جى جژ)، ۋۇدېمىڭ (جياڭ جىمىڭ)، يۈچىڭغا مەنسۇر (مەشھۇر)، ياسىن، قادىر ھاجى، جاۋيۈرنۇڭ، ليۇشۇمىڭ، گاۋشۇيىڭ، ۋاڭ يى، دىڭ يۆگۈي، جاۋگوگاڭ، جاۋگويۈەن، لى باۋخۇا، ئەبەي، سىيت ھاجى، ھاشىم ھاجى، تۇڭ باۋ قاتارلىق 3 - ئىنتېرناتسۇئالدا ئىشلەيدىغان 25 نەپەر كوممۇنىستنى شىنجاڭغا (ئۈرۈمچىگە) كېلىپ خىزمەت ئىشلەشكە ئەۋەتىدۇ. بۇلار شېڭ شىسەينىڭ خىزمەت قىلىدۇ. بۇلاردىن ئۈچ كوممۇنىست (ئىسمى ئېنىق ئەمەس) چۆچەكتە خىزمەت قىلىدۇ. بۇ چاغدا خەمىت ھەكىمى بۇلار بىلەن خىزمەت ئۈستىدە تونۇشىدۇ. بۇ ئۈچ خەنزۇچە كوممۇنىستنىڭ خىزمىتى خەمىت ھەكىمى بىلەن بىرگە بولىدۇ. بۇلار سوۋېت بولشېۋىكلار پارتىيىسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستلار پارتىيىسى نىزامنامىسى نىزامنامىسى قاتارلىقلاردىن بىلىم ئالىدۇ.
1935 - يىلى 9 - ئايدا، مۇھەممەت ئىبراھىم ئىسىملىك بىر كىشى چۆچەك ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسى ۋە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىغا مەسئۇل بولۇپ چۆچەككە بارىدۇ. بۇ كىشى ھېلىقى ئۈچ نەپەر كوممۇنىست بىلەن مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. خەمىت ھەكىمى بۇ چاغدا بۇلار بىلەن ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولۇپ ئىشلەيدۇ.
1936 - يىلى، خەمىت ھەكىمى شېڭ شىسەينىڭ مەخسۇس بۇيرۇقى بويىچە بويىچە ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىدۇ. ئۇ، ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، كوممۇنىست مەنسۇر ئەپەندى باشلىق بىر قانچىلىغان خەنزۇ كوممۇنىستلار قارشى ئالىدۇ. ئۇ، ئۈرۈمچىگە كېلىش بىلەن شىنجاڭ گېزىتىگە تەقسىم قىلىنىدۇ. ئۇ چاغدا گېزىتخانا باشلىقى كوممۇنىست ۋاڭ باۋجىيەن ئىدى. ھەرقايسى بەتلەرنىڭ مەسئۇل تەھرىرلىرى كوممۇنىستلار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا خەمىت ئىشلىگەن <جاھانگىرلىككە قارشى سەپ> ژۇرنىلى (خەمىت ھەكىمى مەركۇز ژۇرنالنىڭ تەرجىمان ۋە تەھرىرى) نىڭ مەسئۇللىرى كوممۇنىستلار ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتتا يەنئەن كوممۇنىستلىرى چېن تەنچۇ، ماۋزېمىنلار كەلگەندە ئۇلار بىلەن بىللە ئىشلەيدۇ.
1938 - يىلى، شېڭ شىسەي ئىنقىلابتىن يۈز ئۆرۈگەندە، خەمىت ھەكىممۇ جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بىلەب بىرگە قولغا ئېلىنىدۇ.
خەمىت ھەكىمى چۆچەكتە بولغان مەزگىلدىن باشلاپ ئىلىم - مەرىپەت ۋە سەنئەتكە بېرىلدى. بۇ يولدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتتى. ئۇ <چۆچەك گېزىتى> ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىياز ئىسھاقى ۋە داۋۇت ھاجى، ئەھمەتجان سەيفۇلىن (تاتار) قاتارلىق ئىلغارلارنىڭ سەنئەت كۇرژىكى ئۇيۇشتۇرۇشىغا ئارتىس ۋە سازەندە بۇرادىرى ئابدۇكېرەم رازىيۇۋ بىلەن ئالاھىدە ھەمكارلاشتى ھەمدە سەنئەت تەشكىلىگە قاتناشتى. ئابدۇللا باسىتى (ھازىر ئالما - ئاتادا) يازغان <پارىخور شاڭيو> درامىسىنى سەھنىلەشتۈرگەندە ئۆزى يىگىت رولىنى، رەپىقىسى پەرىدە ئېلىيىۋا قىز رولىنى ئويناپ، تۇنجى درامىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئورۇنلىدى. مۇھەممەت ئىبراھىم ئۇيۇشما خىزمىتىگە مەسئۇل بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدا رول ئېلىشتىن باشقا رېژىسورلۇق قىلىدىغان بولدى. ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئۇيۇشما ھەيئىتى بولۇش بىلەن سەنئەتكە يېتەكچىلىك قىلىدى. ئابدۇراخمان مۇھىتوۋ، قادىر ھەسەنوۋ، ئابلىمىت مەخسوتوۋ، قاسىم پەرسايوۋ ۋە ئابدۇگۈل قاتارلىقلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاياللارنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىشقا ھەرىكەتلەندۈردى (ئىلگىرى ئەرلەر ئايالچە ياسىنىپ رول ئالاتتى)
1936 - يىلدىن 1938 - يىلغىچە ئۈرۈمچى سەھنىسىدە ئوينالغان 15 كە يېقىن درامىنىڭ رېژىسورلۇق ۋە بەزى مۇھىم روللارنى ئېلىش ۋەزىپىسىنى ۋە كىنو قويۇلغاندا زېرىكمەي كىنولارنى ئاممىغا چۈشەندۈرۈپ ېرىشنى داۋاملاشتۇردى ۋە ئاتاقلىق كىنو ئارتىسى جاۋدەن قاتارلىقلاردىن سەھنە سىۋېتلەشتۈرۈشنى ئۆگىنىپ، سېۋېتچىلىك قىلدى.
1937 - يىلى <ئانارگۈل> ناملىق درام يېزىپ سەھنىلەشتۈردى. 1938 - يىلى <نەفىسى قۇربانى> ناملىق دراما يېزىپ ئوينىلىش ئالدىدا قولغا ئېلندى ۋە ئۇزاق ئۆتمەيلا تۈرمىدە پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلدى.