تۇرسۇن قۇربان
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى تۇرسۇن قۇربان 1942 - يىلى 12 - ئايدا قەشقەر كونىشەھەر ناھىيسىنىڭ ئاۋات يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يېزىسىدا، تولۇقسىز - تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇپ تاماملاپ، 1959 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان، 1964 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندە فاكۇلتېتنىڭ ئۆزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
تۇرسۇن قۇربان ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1957 - يىلى <قەشقەر گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <تۈگىمەس مەجلىس> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەر خىل ئەدەبىي ژانىرلاردا نەچچە يۈز پارچىلاپ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازغان. بۇ ئەسەرلەر ئىچىدە، بولۇپمۇ بالىلار ئۈچۈن يازغان <ئىھ، گېزىتىم، سەن بىلىمنىڭ بۇلىقى>، <خوراز ۋە مەن>، <كۆڭۈللۈك ئويۇن> قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەسەرلىرى بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە. ئۇ يەنە <ئالتۇن ماكاندا ئالتۇن ناخشا>، <ئۇنتۇلماس مىنۇتلار>، <كۇچا نەغمىسى> قاتارلىق داستان - باللادىلارنىمۇ يازغان.
تۇرسۇن قۇربان 80 - يىللاردىن كېيىن ئەدەبىيات تەتقىقاتى ساھەسىدە ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، <بالىلار ئەدەبىياتى نەزەرىيىسى> ناملىق ئىلمىي ئەسەرنى، <بالىلار تەربىيىسى ۋە بالىلار ئەدەبىياتى>، <ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە ئەدەبىي تەنقىد>، <يېڭى دەۋر ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىغا نەزەر>، <>جامىئۇل ھېكايەت< ھەققىدە مۇلاھىزە>، <>قۇتادغۇبىلىك< نىڭ مائارىپ ئىدىيىسى ھەققىدە>، <شېئىرىي ھېسىيات ۋە شېئىرىي مەنزىرە>، <بالىلار ئەدەبىياتىغا كۆڭۈل بۆلەيلى> قاتارلىق ئىلمىي ماقلىلەرنى يازغان، ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىك - <ئەدەبىيات نەزەرىيىسى> نى، <ئالىي مەكتەپلەر تىل - ئەدەبىيات ئاساسلىرى> نى يېزىشقا قاتناشقان. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
تۇرسۇن قۇرباننىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <سەييارە قىز قوشىقى> (1984 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <بالىلار ئەدەبىياتى نەزەرىيىسى> (1987 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ئىلمىي ئەسىرى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ بىر مۇنچە ماقالىلىرى، شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرەگۈزۈلگەن.
تۇرسۇن قۇربان ھازىر دوتسېنىت، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ <قۇتادغۇبىلىك> ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.