UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىجاپپار

جاپپار

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئۈرۈمچىدىكى <تىيانشان>، <يۈەنشىن> قاتارلىق چىڭچاڭ تىياتىر ئۆمەكلىرىدە چىڭچاڭ <ئەر خۇاڭ> ناخشىلىرىنى ئېيتىپ جامائەتچىلىككە تونۇلغان. ئۇيغۇر ئارتىسى جاپپار ئەسلىدە قاسساپ ئىدى. ئۇ، كۈندۈزى قاسساپلىق قىلىپ كەچتە ئۇيۇن قوياتتى. ئۇ، گۆش ساتقاندا پىچاق بىلەن بىلەي ۋە جىڭ پەللىسىنى مۇزىكا ئورنىدا چېلىپ، خەنزۇلارنىڭ كلاسىك مۇزىكىلىرىنى قوشاققا قوشۇپ ئوقۇش بىلەن خېرىدارلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى. ئۇ، شىنجاڭ خەنزۇلىرىنىڭ يەرلىك ناخشىلىرىنىمۇ ئوبدان ئېيتىپ قالماستىن، ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ناخشىلىرىنىمۇ ئوبدان ئېيتىپ قالماستىن، ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ناخشىلىرىنىمۇ ئوبدان ئېيتالايتتى ھەمدە خەنزۇ تىياتىرلىرىدا باش رول ئالاتتى. ئۇ <سۇ سېتىش>، <خۇمدان>، <سارايغا كىرىش>، <خۇاشەننى سېتىش>، <ئايالنى ئازاد قىلىش> قاتارلىق خەنزۇ كلاسىك تىياتىرلىرىدا ئاساسلىق روللارنى ئوينىغان. ئۇ <قېرى بىلەن ياشنىڭ خوتۇن ئالماشتۇرۇشى> دېگەن تىياتىرىدا قېرى خوتۇننىڭ رولىنى ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېلىپ چىققان. جاپپار چاڭچىلە ناخشىلىرىنى ئېيتىش، كلاسىك تىياتىرلاردا باش روللارنى ئېلىشتىن تاشقىرى ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ئۇ، خەنزۇ تىياتىر ئۆمەكلىرى ئۈچۈن بىر قانچە كومېدىيىلىك ئەسەرلەرنىمۇ ئىجاد قىلىپ بەرگەن ھەم خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە قاپىيە ئارىلاشتۇرۇلۇپ بىر قانچە قىزىقارلىق ناخشا ئىجاد قىلغان. بۇ ناخشىلار ئەينى چاغلاردا ياشلار ئارىسىغا تېز تارالغان. بەزى پېشقەدەملەر ھازىرغىچە ئۇنى ئەسلەپ، زوق - شوخ بىلەن ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلىشىدۇ. كېيىنكى يىللاردا جاپپار كۆپلىگەن ناخشىچى ۋە تىياتىر ئارتىسلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. ھازىر خەنزۇ تىياتىر ئۆمەكلىرىدە تەربىيىچىلىك قىلىۋاتقان نۇرغۇن پېشقەدەم خەنزۇ ئارتىسلار:<بىز جاپپارنىڭ شاگىرتى> دەپ پەخىرلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى