UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئەبۇ نەسىر فارابى

ئەبۇ نەسىر فارابى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى «شەرق ئارېستوتېلى» نامى بىلەن تونۇلغان ئالىم ئەبۇ نەسىر فارابى تەخمىنەن ھىجرىيىنىڭ 259 - (مىلادىيە 870 - ) يىلى سىر دەريانىڭ شىمالىدىكى بالاساغۇنغا قاراشلىق فاراب (ئوترار) شەھىرىنىڭ ۋاسچ ھەربىي قەلئەسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئبىن خەللىكاننىڭ 1299 - يىلى يازغان كۆپ قىسىملىق ئەسىرى _ «ۋەپىياتۇل ئەيان ۋە ئەينەز زامان» («مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ۋاپات تېپىشى ۋە ئۇلارنىڭ زامانلىرى») دا «ئەبۇ نەسىر مۇھەممەد تارخاننىڭ ئوغلى، تارخان ئۇزلۇقنىڭ ئوغلى، بۇلار فارابلىق تۈرك ئىدى» دېيىلىدۇ. فاراب شەھىرى ئەينى مەزگىلدە قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئىسلامىيەتتىن مۇداپىئەلىنىش لىنيىسىنىڭ ئالدىنقى تۇنجى خانى بىلگە كۆل قەدىرخاننىڭ قول ئاستىدا ھەربىي ئەمەلدار بولغان. شۇڭا، فارابىنىڭ دادىسىنىڭ «تارخان» دەپ ئاتىلىشى توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىدىكى مەنسەپ ياكى ئىمتىياز نامىنى ئىسىم - فامىلە سۈپىتىدىمۇ قوللىنىشتىن كېلىپ چىققان. مىلادىيە 892 - 893 - يىللىرى سامانىلار سۇلالىسى خانى ئىسمائىل ئبنى ئەھمەد قارا خانىلار سۇلالىسىگە «غازات» ھۇجۇمى قوزغاپ فاراب شەھىرىنى قولغا كىرگۈزۈۋالدى. نەتىجىدە، بىر ئەسىر داۋام قىلغان دۈشمەنلىك ۋە يوللارنىڭ ئېتىلىپ قېلىشى فارابلىق توققۇز ئوغۇز خەلقىنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان خاقانىيەدىن ئايرىۋېتىپ، سامانىلار سۇلالىسى مەدەنىيىتى تەسىرى ئاستىغا چۈشۈرۈپ قويدى. دېمەك، فارابى 30 ياشقا كىرگىچە بولغان ئارىلىقتا دەسلەپ قاراخانىلار سۇلالىسى مەدەنىيىتى، كېيىن سامانىلار سۇلالىسى مەدەنىيىتى تەسىرى ئاستىدا ئۆتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلمىي ۋە دۇنيا قاراشلىرىغا مۇشۇ مەزگىل ئىچىدە ئاساس سالدى ۋە يۆنىلىشى دەسلەپكى قەدەمدە ھازىرلىدى. فارابىنىڭ باغدادقا قايسى يىلى كەلگەنلىكى نامەلۇم. ئۇ باغدادتا ئەرەب تىلىنى تېزلا ئۆگىنىۋالغان ۋە مەشھۇر خرستىئان ئالىمى ئەبۇبەشەر مەتتە ئبنى يۇنۇستىن گېرىك تىلى، لوگىكا ۋە تىبابەتچىلىك ئىلىملىرىنى تىرىشپ ئۆگەنگەن. ئۇ يەنە داۋاملىق ئۆگىنىش، بولۇپمۇ پەلسەپە ساھەسىدە چوڭقۇر ئىزدىنىش نىيىتىدە ھەرران شەھىرىگە بېرىپ خرىستىئان دىنىدىكى ئاتاقلىق پەيلاسوپ يۇھەننا بىننى ھەيلان جىلەدىن پەلسەپە، لوگىكا ھەمدە ماتېماتىكا، نەزەرىيىۋى ئەسەرلەر، گۈزەل شېئىرلارنى يېزىپ، ئۆز ئۇستازلىرىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. فارابى ھەرراندىن باغدادقا قايتىپ كەلگەندىن (تەخمىنەن 921 - 922 - يىللار) كېيىن باغدادتا 20 يىل تۇرغان. ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كىتابلىرى ئەنە شۇ مەزگىللەردە باغدادتا يېزىلغان. ئۇ باغدادتا يەنە ئىزچىل تۈردە ئۆگىنىش، ئىلمىي تەتقىقات، ئىلمىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، دەرس ۋە لېكسىيىلەر سۆزلەش قاتارلىق ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەنمۇ شوغۇللانغان. فارابى 941 - يىلى باغدادتىن ھەلەپ (شام) شەھىرىگە بېرىپ، ئۇزۇن تۇرمايلا دەمەشققە كېتپ قالغان. ئۇ دەمەشق شەھىرىدە ھەمىدانى سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى سەيپۇل دەۋلەنىڭ ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن، ئۆز ھەرىمىگە تەكلىپ قىلىپ ئۇستاز تۇتۇشىغا مۇيەسسەر بولغان. فارابى دەمەشقتە تۇرۇش مەزگىلىدە 948 - يىلى مىسىرغا بېرىپ كۆپلىگەن ئالىملار بىلەن تونۇشقان، ئىلمىي لېكسىيىلەر ئوقۇغان ۋە بىر قاتار مۇنازىرىلەردە ئۈستۈنلۈك ئېلىپ، زور ھۆرمەت ۋە شۆھرەتكە ئېرىشكەن. بەزىبىر تارىخىي مەنبەلەردە فارابىنىڭ 941 - يىلى دەمەشققە كېلىشتىن بۇرۇن باغداد خەلىپىلىكىدە يۈز بەرگەن سىياسىي قالايمىقانچىلىق سەۋەبى، ياكى پۈتۈنلەي ئۆز يۇرتىغا قايتىش مەقسىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسيادىكى سامانىلار سۇلالىسىگە كەلگەنلىكى ئېيتىلىدۇ. بۇ ھەقتە 15 - ئەسىردە ياشىغان مەۋلانا لۇتفى ئۆزىنىڭ «نۇر مەنبەلىرى ھەققىدىكى مۇھاكىمە» ناملىق ئەسىرىدە، فارابىنىڭ سامانىلار دۆلىتىگە كەلگىنىدە «ئىككىنچى تەلىمات» دېگەن كىتابىنى يېزىپ، ئۇنى شۇ ۋاقىتتىكى سامانىلار ھۆكۈمرانى مەنسۇر ئبنى نوھقا تەقدىم قىلغانلىقى، مەنسۇر ئبنى نوھنىڭ فارابىغا ئارستوتېلدىن كېينكى «ئىككىنچى ئۇستاز» دېگەن شۆھرەتلىك نام بەرگەنلىكىنى يازىدۇ. لېكىن، فارابى ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئىجتىمائىي پاراكەندىچىلىك تۈپەيلىدىن، ئوتتۇرا ئاسيادا ئۇزۇن تۇرالماي دەمەشققە كېتىپ قالغان. ئۇنىڭ ۋەتەندىن قايتا ئايرىلىش ئالدىدىكى ھېسسىياتى تۆۋندىكى شېئىرىدا ناھايىتى چوڭقۇر ئىپادىلىنىدۇ: چەكسىمۇ زەخمەت - مۇلاقات سىز تەرەپتىن تەندە جان، سىنە - قەلبىم سىز تەرەپكە تەلپۈنۈپ شەيدا ھامان، ئولتۇرالماسمەن ئىزىمدا قوزغىتىپ تۇرغاچ مېنى، زوق، ئۈمىد ئىككى سەۋەب دەل سىز تەرەپكە دائىما، قوزغىلىپ چىقسام سەپەرگە سىزدىن ئۆزگە يوق ۋەتەن، يا ئىزىمغا قويغىلى يوق بىر بەدەل مەن ئوخشىغان. سىزدىن ئەبزەلرەك دىيار - ئەل گەر تەئەررىز قىلسىمۇ، ئىلكىگە قەلبىمنى ئالماق ئىشقا ئاشماس ھېچقاچان. ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر ئەبۇ نەسىر فارابى ھىجىرىيىنىڭ 339 - يىلى (مىلادىيىنىڭ 950 - يىلى) ماھى رەجەپتە (12 - ئايدا)سۈرىيىنىڭ دەمەشق شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ شۇ چاغدا 80 ياشقا كىرگەن بولۇپ، قەبرىسى دەمەشق شەھەر سېپىلىنىڭ «بەبەس سەغىر» دەرۋازىسى يېنىدىن ئورۇن ئالغان. فارابى ئارستوتېلنىڭ ئون نەچچە پارچە پەلسەپە ئەسىرى ۋە باشقا يۇنان پەيلاسوپلىرىنىڭ بىر قانچە پارچە ئەسىرىنى ئەسلى نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلىپ شەرھىنامە ۋە تەپسىر يازغان. شۇنداقلا ئۆزىمۇ پەلسەپە تەتقىقاتىغا دائىر نۇرغۇن كىتابلارنى يېزىپ، پەلسەپە تارىخىدا «ئىككىنچى ئارستوتېل» دېگەن شەرەپلىك نامغا نائىل بولغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ لوگىكا، تەبىئىي پەننىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى، تىبابەتچىلىك، مۇزىكاشۇناسلىققا دائىر كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەرنى، ئىجتىمائىي، سىياسىي مەزمۇندىكى، ئىلمىي مۇنازىرىلەر خاراكتېرىدىكى ئەسەرلەرنى يېزىپ ئۆزىنىڭ شەرق مەدەنىيەت تارىخىدىكى بۈيۈك نامايەندە، يېتىلگەن ئالىم ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. تۈركىيە ئالىمى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. تۈركىيە ئالىمى ئەخمەد ئاتەشنىڭ «فارابى ئەسەرلىرىنىڭ بىبلىئوگىرافىيىسى» ناملىق كىتابىدا فارابىنىڭ ئىلىم - پەننىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى بويىچە يازغان 160 پارچە ئەسىرىنىڭ تىزىملىكى بېرىلگەن. فارابىنىڭ تىل، ئەدەبىياتشۇناسلىق، مۇزىكاشۇناسلىق جەھەتتىكى ئەمگەكلىرى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئۇ «خۇسۇسۇل ھېكمەت» («ھېكمەت مەنىلىرى») ناملىق ئەسىرىدە «ئىنسان ئەقىل ۋە سەزگۈ ۋاسىتىسى بىلەن بىلىم ھاسىل قىلىدۇ، سەزگۈلەر ياردىمى بىلەن ھېسسىي ئوبرازلار جىلۋىلىنىدۇ، ھېسسىي ئوبرازلار ياردىمى بىلەن تەپەككۇر ئوبرازلىرى ھاسىل بولىدۇ» دېسە، «كىتاب ئەرە ئەھلۇل مىنەتۇل فەزىلە» («پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسىنىڭ قاراشلىرى ھەققىدە») ناملىق ئەسىرىدە بىلىش جەريانلىرىنى ھېسسىي بىلىشتىن تەپەككۇر ئىقتىدارىغىچە بولغان ئىككى ئاساسىي بىلىشتىن تەپەككۇر ئىقتىدارىغىچە بولغان ئىككى ئاساسىي باسقۇچقا ئاجرىتىدۇ ھەمدە ئىنساننىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارى ياردىمىدە گۈزەللىك بىلەن خۇنۈكلۈكنى پەرقلەندۈرۈپ، ھەر خىل بىلىملەرگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ. فارابى «ئەل ماسائىلۇل فەلسەفىيە ۋەلجەھا بەئەنھا» («پەلسەپىلىك سوئاللار ۋە ئۇلارنىڭ جاۋابلىرى») ۋە «ھېكمەت مەنىلىرى» ئەسىرىدە ئوبراز ۋە ئوبرازلار ۋاسىتىسى بىلەن ھاسىل بولىدىغان تەسەۋۋۇرنى تاشقى ئالەمدىكى نەرسە ۋە ھادىسىلەرنىڭ كىشى سەزگۈ ئەزالىرىغا تەسىر قىلىشى ئاساسىدا چۈشەندۈرىدۇ ھەمدە ئوبرازلارنىڭ ھاسىل بولۇشى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسىنىڭ قاراشلىرى ھەققىدە»، «رىسالەفى ئەتنەنبھئەلا ئەسبابۇسسائادە» («بەختكە ئېرىشىش سەۋەبلىرى ھەققىدە») ناملىق ئەسەرلىرىدە ئىجتىمائىي گۈزەللىك ۋە غايىۋى گۈزەللىك ھەققىدىكى چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، گۈزەللىكنىڭ غايىۋى تۇرمۇش ۋە بەخت - سائادەتنىڭ مۇھىم بىر ئالامىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. فارابى ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە دائىر «كىتابۇ شېئىر» («شېئىرىيەت ھەققىدە»)، «كالام فى شېئىر ۋەل قافى» («شېئىر ۋە قاپىيىلەر ھەققىدە سۆز»)، «رىسالەفى قانۇن سەنائەت ئەششېئىر» («شېئىرىيەت سەنئىتى قانۇنلىرى ھەققىدە رىسالە») قاتارلىق بىر بۆلۈك ئەسەرلىرىدە شېئىرىيەت، يېزىقچىلىققا ئائىت مەسىلىلەر ئۈستىدە مەخسۇس توختىلىدۇ، شېئىرىيەت تىلى، ۋەزىن ۋە قاپىيە ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ. فارابى ئۆز زامانىسىنىڭ مۇتەپەككۇرى شائىرى بولۇپ، چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە بىر مۇنچە پەلسەپىۋىي شېئىرلارنى يازغان. ئۇنىڭ ھەر خىل مەنبەلەر ئارقىلىق بىزگىچە يېتىپ كەلگەن شېئىرلىرىدا ئاپتورنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرى، گۇمانىستىك ئىدىيىلىرى، كۈچلۈك مەرىپەتۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، ئىلىم - پەنگە بولغان تەشنالىقى ئوبرازلىق تىل ۋە ئوخشىتىشلار ئارقىلىق يارقىن ئىپادىلەنگەن. فارابىنڭ مۇزىكاشۇناسلىققا دائىر ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئىچىدە «كىتابۇل مۇسقۇل كەبىر» («مۇزىكا ھەققىدە بۈيۈك كىتاب») ناملىق ئەسىرى بىر قەدەر نوپۇزلۇق ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. فارابى پۈتۈن ھاياتىنى، بارلىق زېھنى - قۇۋۋىتىنى ئىلىم - پەن ئىشلىرىغا بېغىشلىغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ نادىر، مول ۋە ئېچىش خاراكتېرلىك تۆھپىلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر جاھان ئىلىم - پەن، مەەدنىيەت تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ تەلىماتلىرى ئوتتۇرا ئەسىردە شەرق دۇنياسنىڭ ئىلىم - پەن تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپلا قالماي، بەلكى، غەرب دۇنياسىنىڭ ئىلىم - پەن تەرەققىياتىغىمۇ مەلۇم تەسىر كۆرسەتتى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى