ئابلەت ئۆمەر
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەدەبىيات نەزەرىيىچىسى ئابلەت ئۆمەر 1938 - يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى قەشقەر شەھىرىدە تاماملاپ، قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن، 1952 - يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1953 - يىلى مەكتەپ تەرىپىدىن بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىل - ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. ئۇ، 1958 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەن قايتىپ كەلگەندىن بۇيان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
ئابلەت ئۆمەرنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، ئەدەبىيات مەسىلىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتى خېلى بۇرۇنلا باشلانغان، ھازىرغىچە 100 پارچىدىن كۆپرەك ماقالە ۋە بىر قانچە پارچە كىتاب يازغان، بۇ ئەسەرلىرى خېلى چوڭ تەسىر قوزغىغان. ئۇيەنە ئەدەبىي تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <لۇشۈن زاۋېنلىردىن تاللانما> قاتارلىق كىتابلار، <گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر> قاتارلىق ئەسەرلەرنى ۋە بىر مۇنچە نەزەرىيۋى ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلغان.
ئابلەت ئۆمەرنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئەدەبىيات نەزەرىيسىى ئاساسىي بىلىملىرى> (1984 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <ئەدەبىيات ۋە تۇرمۇش> (1985 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <كىنو سەنئىتى توغرىسىدا> (1986 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) قاتارلىقلار بار.
ئابلەت ئۆمەر ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ <قۇتادغۇبىلىك> ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.