ھوشۇر ئابدۇللا
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى ھوشۇر ئابدۇللا 1941 - يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسىنىڭ تازغۇن يېزىسىدا تۇغۇلغان، 1951 - يىلدىن 1964 - يىلغىچە باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇغان. ئۇ، 1964 - يىلدىن 8719 - يىلغىچە يېڭىسار ناھىيسىدە تەشۋىقات ۋە مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن، 1987 - يىل 10 - ئايدىن ئېتىبارەن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە چوڭلار مائارىپى تەربىيلەش مەركىزىدە ئىشلىگەن.
ھوشۇر ئابدۇللا 1960 - يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپلىگەن شېئىر، ھېكايىلارنى يېزىپ ئېلان قىلغان. ھوشۇر ئابدۇللانىڭ 1984 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن <ئىناق قوشنىلار> ناملىق ھېكايىلار توپلىمى نەشر قىلىنغان، <ئىككى تامچا ياش>، <بالىلار ناخشىسى> ناملىق شېئىر ۋە ھېكايىلار توپلاملىرىغا ئەسەرلىرى ئېلىنغان.
ھوشۇر ئابدۇللا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.