UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمۇھەممەد ئىمىن توختايوۋ

مۇھەممەد ئىمىن توختايوۋ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان تۇنجى ئەۋلاد فوتوگراف، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا رومان ژانىرىنى تۇنجى قېتىم ئېلىپ كىرگەن يازغۇچى مۇھەممەد ئىمىن توختايوۋ 1920 - يىلى قەشقەردە، بىر كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1937 - يىلى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئېچىلغان فوتوگرافلار كۇرىسىدا ئوقوغان ۋە 1942 - يىلغىچە «شىنجاڭ گېزىتى» دە خىزمەت قىلغان. 1943 - يىلى ئىنقىلابىي پائالىيەتكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. 1945 - يىلى تۈرمىدىن چىقىپ قەشقەرگە قايتقان. 1946 - يىلى شاڭخەيگە بېرىپ كىنو فىلىملىرىنى سۈرەتكە ئېلىشنى ئۆگەنگەن. شاڭخەيدىن قايتىپ شىنجاڭ ياشلار ئانسامبىلىدا خىزمەت قىلغان. 1948 - يىلى شياڭگاڭغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرغان. شياڭگاڭدىن قايتىپ، شاڭخەيدىكى «تەڭرىتاغ رەسىملىك ژۇرنىلى» ئىدارىسىدە بىر مەزگىل خىزمەت قىلغان. 1951 - يىلى شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھەربىي رايون كىنو ئەترىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىدە خىزمەت قىلغان. 1969 - يىلى ۋاپات بولغان. مۇھەممەد ئىمىن توختايوۋ 1945 - يىلى قەشقەردىكى مەزگىلىدە «قانلىق يەر» ناملىق رومانىنى يازغان. ئەينى ۋاقىتتا شياۋيۈنئەن ئەپەندى بۇ روماننىڭ بەزى بابلىرىنى كۆرۈپ، تۈزىتىش پىكرىنى بەرگەن ھەمدە روماننى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرماقچى بولغان. ئۇ روماننى تەرجىمە قىلىپ چىققان بولسىمۇ، نەشىر قىلدۇرالماي قالغان. 1950 - يىلى روماننىڭ بۇ تەرجىمىسى غەربىي - شىمال ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر قۇرۇلىيىتىنىڭ كۆرگەزمىسىگە ئەۋەتىپ بېرىلگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى «غەربىي - شىمال ئەدەبىيات - سەنئىتى» ژۇرنىلى (كېيىن «يەنخې دەرياسى» غا ئۆزگەرتىلگەن) نىڭ باش مۇھەررىرى خۇسەي روماننىڭ بۇ تەرجىمە نۇسخىسىنى ژۇرنالدا ئېلان قىلماقچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ رومان مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 1951 - يىللىق 4 - دىن 9 - گىچە بولغان ئالتە سانىدا ئۇلاپ ئېلان قىلىنغان. يازغۇچى مۇھەممەد ئىمىن توختايوۋنىڭ «قانلىق يەر» رومانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى زاماندىكى بىر مۇھەببەت، ئائىلە پاجىئەسى تەسۋىرلىنىدۇ. رومان ۋەقەلىكى قەشقەرنىڭ قىزىلدۆۋە دېگەن يېرى ۋەموزدۇزنىڭ ئوغلى سادىق بىلەن گۈزەل قىز رەنا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى مەزكەز قىلىپ قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا باينىڭ ئوغلى قادىرنىڭ يامان نىيىتى بىلەن ئۇلارنىڭ مۇھەببەت يولىدا نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەتلەر چېكىپ، ئاخىرى يۇرتىدىن قېچىپ چىقىپ بىر - بىرى بىلەن قوشۇلغانلىقى، قارا نىيەت قادىرنىڭ ئەكسىيەتچى كۈچلەر ياردىمىدە سادىقنى تۈرمىگە سولاتقۇزغانلىقى ھەمدە سادىقنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى، ئېرىنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئالالمىغان رەنانىڭ ئېرىنى ئىزلەش داۋامىدا ھېسابسىز رىيازەت چېكىپ، ئاخىر ئۆلۈپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. يازغۇچى مۇھەممەد ئىمىن توختايوۋنىڭ مەزكۇر رومانى ئەينى ۋاقىتتىلار ئۇيغۇر ھازىرقى زامان رومانچىلىقىنىڭ تۇنجى مېۋىسى ھېسابلىنىپ، دىققەت - ئېتىبارغا ئىگە بولغان. روماننىڭ ئەسلى نۇسخىسى تېپىلمىغان بولسىمۇ، خەنزۇ تىلىدىكى نەشىر نۇسخىسى قايتىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، 1922 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مۇھەممەد ئىمىن توختايوۋ | UyghurWiki | UyghurWiki