UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىھەمدەم بېگى ھاجىم

ھەمدەم بېگى ھاجىم

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى 1931 -يىلدىكى قۇرمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرىدە 1933 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلىدى. ئاشۇ ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ھەمدەم بېگى ھاجىم ئەجدادى توقسۇ (شىڭخا) لىق بولۇپ، ئۇ، 1880 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا توقسودا ئىسلام ھاجى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ھەمدەم بېگى ھاجىمنىڭ ئائىلىسى توغرىسىدا، ئوغلى ھەمدۇمۇۋ ھامىت (بۇ كىشى فىرونزىدا) نىڭ تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلگەندە بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، «ھەمدەم بېگى ھاجىمنىڭ چوڭ بوۋىسى نىياز بېگىم، ئۇنىڭ ئوغلى جارۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئىسلام ھاجى بولۇپ ھەمدەم بېگى ھاجى ئىسلام ھاجى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ چوڭ بوۋىسى نىياز بېگىم كۇچاردا راشىدىن خان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىلىدە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئارىلىشىپ يۇقىرى مەنسەپلەردە بولغان ئىكەن. 1864 - يىلدىكى ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىدىن كېيىن ئىلىدا ئەلاخان سۇلتانلىقى قۇرۇلغاندا، نىياز بېگىم ئالىيار خەزىنىچى دېگەن كىشى بىلەن بىرلىكتە كۇچار ھۆكۈمىتىگە ۋەكىل بولۇپ ئىلىغا بارغان ئىكەن. لېكىن ئۇلار ۋەزىپە ئۆتەپ كۇچارغا قايتىپ كەلگەن چاغدا، ئىلگىرىكى كۇچار ھۆكۈمىتى ياقۇپبەگ (بەدۆلەت) تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ تاشلانغان بولغاچقا، نىياز بېگىم بىلەن بىرگە دېھقانچىلىق قىلىپ ئۆتكەن، لېكىن ھەمدەم بېگى ھاجى دەۋرىگە كەلگەندە، ئۇ، ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئارىلاشقان. شۇ يىللاردا كۈچادا توقسۇنلۇق قادىر جەڭگى (خاتۇڭلىڭ) دېگەن كىشى تۇڭلىڭ (مەمۇرىي ئىشلار مەسئۇلى، ئەمەلدار) ئىدى. شىنجاڭنىڭ باش ۋالىيسى ياڭ زېڭشىن قادىر جەڭگىگە بىر باتاليون (بىر يىڭ) مۇسۇلمان ئەسكەر ئېلىش ئىمتىيازىنى بېرىدۇ. قادىر جەڭگى كۇچار، توقسۇ، شاياردىن ئەسكەر ئېلىپ چوڭ ئوغلى خوجا ئابدۇللا بەگنى يىڭجاڭ قىلىپ تەيىنلەيدۇ. كۇچاردىن ئەسكەر ئېلىشقا مۇللا ئاخۇن بېگى ھاجى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىسى ھەمدەم بېگى ھاجىمۇ قاتنىشىدۇ. مۇشۇ جەرياندا ھەمدەمنىڭ قابىللىقى، تەدبىرلىك كىشى ئىكەنلىكى كۆزگە كۆرۈنىدۇ - دە، خوجا ئابدۇللا بېگى ئۇنى ئەسكەرلىككە ئېلىپ، دەسلەپ پەيجاڭ قىلىپ بەلگىلەيدۇ... ئۇزاق ئۆتمەي روسيەدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇرۇشلۇق ئاق گۋاردىيىچىلەر شىنجاڭ چېگرىسىگە قېچىپ كېلىپ، ئىلى ۋە چۆچەك رايونلىرىدا پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرىدۇ. بۇ چاغدا ياڭ زېڭشىن كۇچادىكى مۇسۇلمان باتاليوننى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ ئالتاي تەرەپكە ئەۋەتمەكچى بولىدۇ. بۇ باتالىيون ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۈرۈمچى - ئالتاي ئارلىقىدىكى ئوتۇن بۇلاققا ئورۇنلىشىدۇ. كېيىنچە ئالتاينى پاراكەندە قىلىۋاتقان ئاقلار قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ تىنجىتىلىدۇ. بۇ چاغدا ياڭ زېڭشىن ئوتۇن بۇلاقتا تۇرۇۋاتقان باتاليوننى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىپ، سەندۇڭبىدىكى نەن يىڭفاڭ (ھازىرىقى ئۈچىنچى دوختۇرخانىنىڭ سەل نېرىراقىدىكى ئورۇن) دا تۇرغۇزىدۇ. بۇ قوشۇن بۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن يەنە ئەسلى يۇرتى كۇچارغا قايتۇرۇلىدۇ. ئۇلار كۇچا شامالغاغدىكى مادۈي لەڭزى (شامال قەلئەسى ) دەپ ئاتالغان گازارمىدا تۇرىدۇ. بۇ كۈنلەردە ھەمدەم بېگى ھاجىم ليەنجاڭ بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1927 - يىلى ھەمدەم بېگى ھاجى ھەرەمگە بېرىش مەقسىتىدە خىزمەتتىن رۇخسەت سوراپ چىقىپ، ئاتىسى ئىسلام بىلەن ھەرەمگە خىزمەتتىن رۇخسەت سوراپ چىقىپ، ئاتسى ئىسلام بىلەن ھەرەمگە بارىدۇ. ئۇلار ھەرەمدىن قايتىپ كەلگەندە ياڭ زېڭشىن ئۆلتۈرۈلۈپ جىن شۇرېن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ئىدى. شىنجاڭ ۋەزىيىتى قاتتىق داۋالىغۇش ئىچىدە تۇرماقتا ئىدى. ھەمدەم بېگى ھاجى شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ دېھقانچىلىق قىلىدۇ. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە، تويبولدى يېزىسىدا بىر مەھەللە ماجراسى يۈز بېرىدۇ. ھەمدەم بېگى ھاجى بۇ ماجرانى مۇرەسسە يولى بىلەن خالىسانە ھەل قىلىدۇ. بۇ چاغدا خەلق ئۇنىڭ تەدبىرلىك، ئىقتىدارلىق كىشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ خەلق ئۇنى دوبېگلىكىگە سايلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۇچار ئۈچ ناھىيە (كۇچا، باي، توقسۇ) ئىچىدە مەشھۇر بەگلەردىن بولۇپ قالىدۇ. 1931 - يىلى ئەتىيازدا قۇمۇلدا خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىقىدا قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلىغاندا، جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، جەنۇبىي شىنجاڭدىن كۆپلەپ ئەسكەر ۋە ئاشلىق، تەمىنات يۆتكەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاتناش تۈگىنى بولغان كۇچار خەلقى ئۈستىدىكى ئالۋان - ياساق ھەددىدىن زىيادە ئېغىرلايدۇ. 1932 - يىلغا يەتكەندە ھەرقايسى جايلاردا جىن شۇرېنغا قارشى تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشقا باشلايدۇ. تۇرپاندا قۇرۇلغان تەشكىلاتنىڭ شۆبىسى بولغان توقسۇن تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى توختى ئېلى كۇچادىكى تۆمۈر ئېلىنىڭ ئىنىسى بولغاچقا، توقسۇندىكى تەشكىلاتنىڭ بىر ئۇچى كۇچاغىچە يېتىپ بارىدۇ. دېمەك، بۇ چاغدا كۇچادا، تۆمۈر ئېلى شاڭيۇ، ھەمدەم بېگى ھاجى، ئەخمەتجان لۈيجاڭ، نىزامىدىن ئەپەندى، ھادى ئەلەم قاتارلىقلارنى مەركەز قىلىغان ئىنقىلابىي تەشكىلات بارلىققا كېلىدۇ. كۇچادا مەھپۇزۋاڭ نوپۇزلۇق ۋە مۇئەييەن ھەربىي كۈچكە ئىگە بىر ئالاھىدە شەخس بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تەشكىلاتنىڭ پائالىيىتىدە مەھپۇزۋاڭنىڭ قايسى تەرەپتە تۇرۇشى بەلگىلىك رول ئوينايتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئاقسۇ تەرەپتىن قۇمۇلغا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر قىسىم ھەربىي قوشۇننىڭ ئادەملىرى تەمىناتنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بەرمىدىڭ، دېگەن بانا بىلەن مەھپۇزۋاڭنىڭ ئىنىسى مەرەم غوجىنى تۇتۇپ كوچىغا سۆرەپ چىقىپ، قاتتىق ئۇرۇپ دۇمبالاپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاس قالىدۇ. بۇ خورلۇق ئۇنىڭ يۇرت ئىچىدىكى ئەنئەنىۋى ئابرويىنى ئاياق ئاستى قىلىدۇ، بۇ ئىشنى بەك ئېغىر ئالغان مەھپۇزۋاڭ ھۆكۈمەتكە بولغان مايىل بولۇشتىن قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا مايىل بولۇشقا ئۆزگىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا مايىل بولۇشقا ئۆزگىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۇچادا كېتىۋاتقان ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرمۇ مەھپۇزۋاڭنىڭ ھېسداشلىقىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئۇ، كۆرۈنۈشتە بىتەرەپ ھالەتتە تۇرغان بىلەن ئەمەلىيەتتە قوزغىلاڭ تەرەپتە تۇرىدۇ. مەھبوزۋاڭنىڭ قوزغىلاڭچىلار تەرەپتە تۇرۇشى قوزغىلاڭچىلارغا ئوڭۇشلۇق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. شۇ مەزگىلدە ھۆكۈمەت كۇچا قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ باشلىقى تۆمۈر ئېلىنى خەۋپلىك ئۇنسۇر دەپ قولغا ئېلىپ قامايدۇ. مەھپۇزۋاڭ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت ئالدىدىكى ئىناۋىتىنى ئىشقا سېلىپ ئۇنى تىلەپ تۈرمىدىن ئېلىپ چىقىدۇ. 1932 - يىلى كۈزدە تۇرپان قوزغىلىڭى پارتىلىدى. بۇنىڭغا ياندىشىپ توقسۇندا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ جەنۇپقا قاراپ ئىلگىرىلىدى. ئۇلار قارا شەھەر، كورلىلارنى ئىشغال قىلغان كۈنلەردە، كۇچادىن تۆمۈر ئېلى، ھەمدەم بېگى ھاجى بىر توپ كىشىلەرنى باشلاپ كورلىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. بىراق، ئۇلار كورلىغا يېتىپ باغىچە توقسۇن ئىنقىلابچىلىرى كورلىنى تاشلاپ تۇرپان تەرەپكە قايتىپ كېتىدۇ ۋە توقسۇن ئىنقىلابچىلىرى كورلىنى تاشلاپ تۇرپان تەرەپكە قايتىپ كېتىدۇ ۋە توقسۇن قوزغىلاڭچىلىرى باشلىقى توختى ئېلى لۈيجاڭ، ئاكىسى تۆمۈر ئېلىنى تۈەنجاڭلىققا تەيىنلەپ جەنۇپقا قاراپ ئىلگىرىلەشكە بۇيرۇق بېرىدۇ. تۆمۈر ئېلى قاتارلىقلار چېدىردىن كۇچارغا قايتىدۇ. بۇ چاغدا كۇچاردىكى ئەكسيەتچىل ھاكىمىيەت كۇچارلىق مۇھەممەت ئىمىن شىياڭزۇڭ، ئابدۇرۇسۇل ھاجى قاتارلىق بىر توپ كىشىلەرنى ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىپ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. قوزغىلاڭچىلار بۇ ھېلە - مېكىرگە ئالدانماي كېچىلەپ باستۇرۇپ بېرىپ شامال باغقا بارگاھ قۇرىدۇ. كۇچارنى ئىشغال قىلشتا ھەمدەم بېگى ھاجى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى ئىلگىرى ھەربىر خىزمەت ئۆتگەن كىشىلەرنى توپلاپ كۈچلۈك بىر قوشۇن تەشكىللەپ جەڭگە قاتنىشىدۇ. دەرۋازىغا ئوت قويۇش ۋە شەھەرگە باستۇرۇپ كىرىش ھۇجۇمىلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلايدۇ. كۇچار ئىشغال قىلىنغان كېيىن، پىدائى قوشۇنلارنى تەرتىپكە سېلىش، ھەربىي مەشىق ئىشلىرىدىمۇ ھەمدەم بېگى ھاجى بەلگىلىك رول ئوينايدۇ ۋە ئەسكىرى قىسىملارغا بەن (ئونلۇق)، (پەي)، يۈزلۈك (ليەن) بۆلۈنمىلەرگە ئايرىپ تەشكىللەشتىمۇ كۈچ كۆرسىتىدۇ. كېيىن ئاقسۇغا ماڭغاندا ئۆزىمۇ يۈز كىشلىك قوشۇنغا باش بولۇپ تۆمۈر ئېلى بىلەن ماڭىدۇ. ھەمدەم بېگى ھاجى بىلەن ماڭغان قوزغىلاڭچىلار باي ناھىيىسىنىڭ ياقا ئېرىق رايونىدا بىر قېتىم جەڭ قىلىپ ئاقسۇنى ئىشغال قىلىدۇ. خېلى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەربىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ھەمدەم بېگى ھاجى ھەربىي ئىلمىدە ئىستېداتلىق ئەرباب ئىدى. ئۇ قوماندالىق قىلغانلىكى جەڭ غەلبىگە ئېرىشمەي قالمايتتى. شۇڭا، ھەممە كىشى ئۇنىڭغا قايىل ئىدى. ھەربىي ۋە خەلقلەر شۇ زاماندا ئۇنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ قوشاقلار قوشۇلغان ئىدى: قۇمۇلدىن چىقتى خوجام نىزاجى، كۇچادىن چىقتى ھەمدەم بېگى ھاجى. ئۇرۇشقا كىرسە ھەمدەم بېگى ھاج، قالمايدۇ ياۋنىڭ ھېچبىر ئىلاجى. تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردە سۈيقەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قوشۇنى بىلەن يېڭى شەھەردىكى ماجەنساڭ قوشۇنلىرى ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش پارتلايدۇ. بۇ ئۇرۇش ئاۋغۇستىنىڭ ئاخىرىدىن دېكابىرنىڭ باشلىرىغىچە داۋام قىلىدۇ. ساۋۇت داموللا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سىتىۋالدىجان پولكى بىلەن ئوسمان ئېلى قۇرۇپ، ھەمدەم بېگى ھاجى قاتارلىقلارنى چەتكە قاقىدۇ. ھەمدەم بېگى ھاجى ۋە ئەخمەتجان لۈيجاڭلار تەكلىماكان ئارقىلىق ئاقسۇ تەرەپكە مېڭىپ خوجىنياز ھاجىمنىڭ قېشىغا بارىدۇ ئۇ ھەمدەم بېگى ھاجى لۈيجاڭ، مامۇتخان لۈيجاڭ، ئەخمەتجان لۈيجاڭ، ھاپىز لۈيجاڭ، توختى لۈيجاڭ قاتارلىق كىشىلەرنى ئۆز قىسىمىغا قوبۇل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىلەر خوجىنىياز ھاجىمغا تەۋە بولۇپ، ئىككىنچى قېتىم قەشقەرگە بېرىپ قەشقەردە مۇھاسىرىدە ياتقان ماجەنساڭ (ماجۇڭيىڭ) قىسملىرىغا قارشى ئۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ. 1934 - يىلى كۈزدە خوجىنىياز ھاجىم شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە مۇئاۋىن رەئىش بولۇپ ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، ھەمدەم بېگى ھاجى مەھمۇت سىجاڭ تەۋەلىكىدە قەشقەردە قالىدۇ. شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى قوشۇنلارنى تەرتىپكە سالغاندا قىسملارنى 6 - دىۋىزىيە قىلىپ ئۆزگەرتىپ، دىۋىزىيە قوماندانلىقىغا مەھمۇت سىجاڭنى بەلگىلىدى. ئاندىن قەدەممۇ - قەدەم بۇ دىۋىزىيىنىڭ كۈچىنى شىلىپ ئاجىزلىتىشقا باشلىدى. مۇستەقىل قىرغىز پولكى (ئوسمان ئېلى قىسمى) ۋە ئۆزبېك پولكى(يۈسۈپجان، سىتىۋلدىجان پولكى) قاتارلىق قوشۇنلارنى قورالسىزلاندۇرۇپ ئادەملەرنى تارقىتىۋەتتى. جۈملىدىن ھەمدەم بېگى ھاجى، ئەخمەتجان، توختى لۈيجاڭ قاتارلىقلارمۇ «تەلىم - تەربىيە ئالىدۇ» دېگەن نام بىلەن ئۈرۈمچىگە چاقىرتىپ ئۇلارنى نەزەربەنت قىلدى. ھەمدەم بېگى ھاجى، توختى لۈيجڭ قاتارلىق بىر مەزگىل ئۈرۈمچى روزى ھاجىم مەسچىتى ئەتراپىدىكى بىر قورودا نەزەربەنت ئاستىدا تۇرغاندىن كېيىن 1938 - يىلى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ ۋە بىرىنچى تۈركۈمدىكى قىرغىندا نابوت قىلىنىدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ قايسى يەرگە تاشلانغانلىقى بىزگە نامەلۇم.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى