UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئابدۇللا زاكىروۋ

ئابدۇللا زاكىروۋ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئابدۇللا زاكىروۋ غۇلجا شەھىرىدىن، ئۇيغۇر، 1918 - يىلى تۇغۇلغان. 1944 - يىلى 11 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتىنىشىپ، غۇلجا شەھىرى بىرىنچى رايون ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىبى، ئىلى ۋالى مەھكىمىسىنىڭ كاتىبات مۇدىرى، ۋالى مەھكىمە باج ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولغاندىن كېيىن، 1949 - يىل 12 - ئايدا جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىبى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق كومتېتىنىڭ باش كاتىبى، مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى، ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا ئابدۇللا زاكىروۋ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، تەشكىلىي جەھەتتە خاتا بىر تەرەپ قىلىندى. پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، 1982 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقى بويىچە، ئۇنىڭ پارتىيىۋىلىكى ۋە نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئۇ، 1981 - يىلى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئۈرۈمچىدە 64 - يېشىدا ۋاپات بولدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابدۇللا زاكىروۋ | UyghurWiki | UyghurWiki