UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىقۇندۇز مۇھەممەت

قۇندۇز مۇھەممەت

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىرە قۇندۇز مۇھەممەت 1953 - يىل 5 - ئايدا خوتەن شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1959 - يىلدىن 1969 - يىلغىچە قاغىلىقتا باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، بىر مەزگىل قايتا تەربىيە ئالغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى بولغان، 1981 - يىل 2 - ئايدىن 1985 - يىل 21 - ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئۇزۇن يوللۇق تېلېگراف سىم يول ئىدارىسىدا ئىشلىگەن. قۇندۇز مۇھەممەت 1986 - يىلدىن تارتىپ <شىنجاڭ ئاياللىرى> ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. قۇندۇز مۇھەممەت ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1975 - يىلى <قەشقەر گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <ھايات قىممىتى> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھازىرغىچە 300 پارچىدىن كۆپرەك شېئىرى ئېلان قىلغان. قۇندۇز مۇھەممەتنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى <ئانىلار قەلبى>، <بۇلبۇل نەزمىسى> قاتارلىق كوللېكتىپ شېئىرلار توپلاملىرىغا كىرگۈزلگەن. قۇندۇز مۇھەممەت ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
قۇندۇز مۇھەممەت | UyghurWiki | UyghurWiki