UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىيۈسۈپجان قۇربېشى

يۈسۈپجان قۇربېشى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يۈسۈپجان قۇر بېشى ئەسلىدە ئۆز بېكىستاننىڭ شەھرىخان دېگەن يېرىدىن بولۇپ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن باسمىچىلاردىن ئىدى. ئۇ 1930 - يىلى ئەتراپىدا، قەشقەرگە ئۆز قىسىمى بىلەن قېچىپ كېلىدۇ. 1933 - يىلى 12 - نويابىردا قەشقەردە ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى» قۇرۇلغاندا، كۆرۈنۈشتە گارنىزون قوماندانى، ئىچكى جەھەتتە «شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى» نىڭ باش قوماندانى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق خىللانغان ئەسكەر بولۇپ، ھەممىسى ئۆزبېك ئىدى. ئۇنىڭ قول ئاستىدا، قۇدرىتىللاخان تۆرە (كونا ئەنجانلىق، مۇئاۋىن قوماندان) موللا ئابدۇراخمان (خانئاباتلىق، تۇەجاڭ) ئەسقەرجان (تاشكەنتلىك، ليەنجاڭ) قاتارلىق خىل كىشىلەر ھەمدە قوشۇننىڭ جاڭگىۋارلىقى يۇقىرى بولغاچقا، ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى» مۇشۇ قوشۇننىڭ ھىمايىسىدە بولىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتتا ماجۇڭيىڭنىڭ قىسىمى بېسىپ كىرگەندە، يۈسۈپجان قىسمى جەڭگىۋارلىقىنى يوقىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەر يېڭىشەھەدە مۇھاسىرىدە تۇرغان ماجۇڭيىڭ قىسمىغا ئاشلىق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۇ چەت ئەلگە كېتىش ئۈچۈن تاشقۇرغانغا چىققاندا، تاجىك زەمىر تۇەنجاڭ قىسمى ئۆتكۈزمەيدۇ. يۈسۈپجان قەشقەرگە قايىتىپ كەلگەندە، يېڭى ھۆكۈمەت ئۇنىڭ قىسمىنى ئىككىگە بۆلىۋېتىپ، يۈسۈپجاننى «سەن ئەسكەرلىرىڭنى ئېلىپ، ئابدۇراخمان، ئارىپ قۇر بېشىلار بىلەن بىرگە مارالبېشىدا تۇرۇشلۇق رۇس پولكوۋنىك چىرنىيوفنىڭ ئىختىيارىدا بولىسەن» دېگەن بۇيرۇقنى يەتكۈزىدۇ. يۈسۈپجان يولغا چىقىپ مارالبېشىغا ئاز قالغاندا، مارالبېشىغا بېرىشتىن باش تارتىپ ئابدۇراخمان، مۆمىن قۇربېشى قاتارلىق 22 نەپەر ئادەم بىلەن قېچىپ كېتىدۇ. يۈسۈپجان ئوغلى، ئىككى ئەسكىرىنى ئېلىپ، قورشاۋنى بۇزۇپ چىقىپ، مەكىتنىڭ چوڭقۇرچاق دېگەن يېرىدە، كونا تونۇش بىر ئۆزبېك ئىشاننىڭ پاناھىدا، ئىككى ئەسكەرنىڭ مۇھاپىزىتىدە تۇرىدۇ. بىر كۈنلەردە يۈسۈپجان ئېلىپ ماڭغان ئالتۇن كۈمۈشلەرنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىشان يۈسۈپجاننىڭ ئىككى مۇھاپىزەتچىسى ئارقىلىق يۈسۈپجاننى ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن ئۆز سوپىسىنى ئىشقا سېلىپ، يۈسۈپجاننىڭ ئىككى مۇھاپىزەتچىسىنى ئۆلتۈرىدۇ. ئىشان بىلەن سوپى ئالتۇن كۈمۈشلەرنى بۆلۈشەلمەي، بىر - بىرىنى ساقچىغا چاقىدۇ. ئىشان بىلەن سوپى قاتىل، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن ساقچىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يۈسۈپجان قۇربېشى | UyghurWiki | UyghurWiki