UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئاتائى

ئاتائى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئاتائى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ھەسسە قوشقان 15 - ئەسىردىكى بۈيۈك سەنئەتكارلارنىڭ بىرىدۇر. ئەلىشىر نەۋائى ئۆزىنىڭ «مەقالىسۇن نەفائىس» ناملىق ئەسىرىدە: «ئاتائى شېئىرلىرى» نىڭ ئەينى زاماندا تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا كۆپ شۆھرەت تاپقانلىقىنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئاتائى ئىجادىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىي ھايات تارىخىدىكى قىممەتلىك ئەدەبىي مىراس سۈپىتى بىلەن خاراكتېرلىنىپ كەلمەكتە. ئەپسۇسكى، ئاتائىنىڭ ھايات ۋە ئىجادىي پائالىيىتىگە ئائىت يېتەرلىك يازما مەلۇمات يوق. «مەجالىسۇن نەفائىس»، «مۇھاكەمە تۇل لۇغەتەين» گە ئوخشاش ئايرىم مەنبەلەردە ئاتائىنىڭ تاشكەنت بىلەن سايرام ئارىلىقىدىكى ھېزدىيان دېگەن قىشلاقتىن بولۇپ، نەسەب جەھەتتىن خوجا ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ قېرىندىشى ئىسمائىل ئاتا ئەۋلادىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ. ئاتائى گەرچە ئاتالار (سوفىيلار) ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئىجتىمائىي ھاياتقا تەرەققىيات نۇقتىئىنەزەرى بىلەن قارىغان ۋە ئىلغار ئىجادىي نەتىجىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان بۈيۈك شائىردۇر. 15 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمى ئاتائى ئىجادىيىتىنىڭ گۈللەپ - راۋاجلانغان دەۋرى بولۇپ، شائىر بۇ دەۋرىنى ھىرات، سەمەرقەند ۋە بەلخ قاتارلىق مەدەنىيەت مەركەزلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. تالانتلىق شائىر ئاتائىنىڭ بىرلا شېئىرى دىۋانى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. بۇ يېگانە قول يازما نۇسخا ھازىر روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ پېتربۇرگ بۆلۈمىدە ساقلانماقتا. ئاتائىنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن «دىۋان شەيخزادە ئاتائى» ناملىق يېگانە قول يازما ئەسىرى 260 غەزەلدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ غەزەللەرنىڭ ئاساسىي قىسمى مۇھەببەت تېمىسىغا بېغىشلانغان لىرىكىلاردىن ئىبارەت. شائىر بۇ غەزەللەردە ھەققىي مۇھەببەتنى ئۇلۇغلاپ، ۋاپادارلىق، سەمىمىيلىكنى كۈيلەيدۇ، جاپا - مۇشەققەتنى يەڭگەندىلا ئاندىن يار ۋەسلىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر شەرھلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا شائىر ئۆز ئىجادىيىتىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك غايىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھاياتقا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە شەخسىيەتچىل ئەمەلدارلار ۋە مۇتەئەسسىپ روھانىيلارنى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ. ئاتائى لىرىكىلىرىدا ئوخشىتىش، مۇبالىغە، كىنايىلەر زور ماھارەت بىلەن قوللىنىلغان بولۇپ، «ئاھۇيى خوتەن»، «مۇشكى خوتەن» گە ئوخشاش تەسۋىرلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. ئاتائى ئىجادىيىتىدە مەزمۇن ۋە شەكىل ئورگانىك يوسۇندا بىرىكىپ كەتكەن. بۇ جەھەتتىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئورىگىناللىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئاتائى ئەسەرلىرىنىڭ تىلى خەلقنىڭ جانلىق تىلىغا تولىمۇ يېقىنلىقى، راۋانلىقى، ساپلىقى بىلەنمۇ ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر. بۇ ھال شائىرنىڭ ئۆز دەۋرىدە «مەلىكۇل كەلام» ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. بۈيۈك شائىر ئاتائى ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلىرى بىلەن خەلقىمىز ئىچىدە ھۆرمەتلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كەلدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئاتائى | UyghurWiki | UyghurWiki