سەئىدۇللا
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
سەئىدۇللا يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئەدىبى. ئۇنىڭ ئانا يۇرتى شىنجاڭ بولۇپ، ئاتا - بوۋىلىرى ئىچكىرىگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر تارىخشۇناسى چېن يۈەن ئەپەندى (1880 - 1971) «يۈەن دەۋرىدىكى غەربىي رايونلۇقلارنىڭ خەنزۇلىشىش ئەھۋالى توغرىسىدا تەتقىقات» ناملىق ئەسىرىدە: «سەئىدۇللا ئۇيغۇر، پامىرنىڭ شەرقىدىن، بۇرۇن مانى دىنى مۇرتلىرىدىن ئىدى. كېيىن، ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىپ كىرىشى بىلەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان» دەپ يازغان. يۈەن دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئەدىب تاۋزۇڭيى ئۆزىنىڭ «تارىخنامىلەردىن مۇھىم بايانلار» دېگەن ئەسىرىنىڭ يەتتىنچى جىلدىدە تۇنجى قېتىم سەئىدۇللانىڭ ھاياتى ئۈستىدە توختىلىپ، ناھايىتى ئېنىق ھالدا «سەئىدۇللا ئۇيغۇر، تەخەللۇسى _ (تەڭرىگە مەدھىيە) ئىدى» دەپ كۆرسەتكەنىدى.
سەئىدۇللا تەخمىنەن 1300 - يىلى توغۇلغان، قاچان ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. (بەزىلەر، 1355 - يىلى ۋاپات بولغان، دېيىشىدۇ). سەئىدۇللانىڭ تۇرمۇشى ئەمەلدار بولۇشتىن ئىلگىرى ناھايىتى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن. ئۇ 1327 - يىلى ئوردا ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، خېبىي ئۆلكىسىنىڭ لەنفاڭ دېگەن يېرىگە ئەمەلدارلىققا تەيىنلەنگەن. «يېڭى يۈەن سۇلالىسىنىڭ تارىخى» نىڭ «سەئىدۇللا تەزكىرىسى» دە خاتىرىلىنىشىچە، «سەئىدۇللا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ياساۋۇللار ئوردىسىدا ئولتۇراقلاشقان، ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردە ھاسىسىنى دولىسىغا سېلىپ ئەتراپنى ئايلىنىپ، مەنزىرىسى گۈزەل جايلارنى سەيلە قىلىپ، ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تاشقاندا يېقىملىق نەغمە كۈيلەرنى تۈزەتتى» دېيىلگەن.
سەئىدۇللانىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان «يەنمىن توپلىمى» (ئۈچ جىلد)، «توپلام سىرتىدىكى نەزمىلەر» (بىر جىلد)، «سەئىدۇللا شېئىرلار توپلىمىنىڭ باش - ئاخىرى» (ئىككى توپلام) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. سەئىدۇللانىڭ نەزمە - كۈيلىرى مەيلى سان، مەيلى سۈپەت جەھەتتە بولسۇن يۈەن دەۋرىدىكى شېئىرىيەت مۇنبىرىدە گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. چېن يۈەن ئەپەندى: «جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىدا يۈەن دەۋرىنى سۆزلەيدىكەنمىز، سەئىدۇللانى تىلغا ئالماي بولمايدۇ» دېگەنىدى. قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە نۇرغۇن ئەدىب، ئالىملار يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى شېئىر - ناخشىلارنى تەتقىق قىلغاندا، «يەنمىن توپلىمى» نى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى نەزمە - كۈيلەر بابىدا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ، دەپ يۇقىرى باھالىغان.
سەئىدۇللا ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۇرۇش پاجىئەلىرىنى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ۋەھشىيلىكىنى پاش قىلىپ، خەلقنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىرىگە چىن قەلبىدىن ھېسداشلىق بىلدۈرىدۇ. بۇ شېئىرلار ئىچىدە «تىلەمچى قىز»، «تاڭ گۈەن ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش»، «تاڭ سەھەردە خۇاڭخې بويىدا كۆرگەنلىرىم» قاتارلىق شېئىرلىرى كىشىلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشكەن ۋە ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن.
سەئىدۇللا يەنە مەشھۇر كومپوزىتور ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرىنى ئاھاڭغا سالغان. بۇ ناخشىلار يۈەن ناخشىلىرى قاتارىدا كەڭ ئوقۇلغان ۋە تەسىرى زور بولغان. شۇڭلاشقىمۇ كېيىنكىلەر، يۈەن دەۋرى ناخشىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى سەئىدۇللا كۈي - ناخشىلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن بارلىققا كەلگەن، دېيىشكەن.
سەئىدۇللانىڭ نامى چەت ئەللەرگىمۇ تونۇش. ياپونىيىلىك ئالىم سىماداخا ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ياپون جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇردى. مىسىر ئالىمى رۇۋادى «مۇسۇلمانلار جۇڭگودا» ناملىق كىتابىدا «ئەرەبلەرنىڭ شېئىرىيەت ھەۋاسكارلىرى سەئىدۇللانىڭ ئىسمىغا نىسبەتەن يات تونۇشتا ئەمەس» دەپ يازدى.
ئۇيغۇر شائىرى سەئىدۇللا (ساتيەنشى) نىڭ خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان شېئىرلىرى ئېلىمىز ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.