ئونانباي باتۇر
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئونانباي باتۇر قازاق، قۇمۇل غەربىي تاغدا 1919 - يىلى تۇغۇلۇپ، 1930 - يىلىدىن 1934 - يىلىغىچە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. 1939 - يىلىدىن 1943 - يىلىغىچە غەربىي تاغ رايونىدا مۇئاۋىن رايون باشلىقى بولىدۇ. 1944 - يىلىدىن 1945 - يىلىغىچە يەرلىك قوراللىق قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ دۈيجىڭى بولىدۇ. 1946 - يىلى 8 - ئايدا يۇرت خەلقىنىڭ گومىنداڭغا قارشى ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە 1946 - يىلى 12 - ئايدا غۇلجىغا بېرىپ، قۇمۇل باتۇرلىرى نامىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ. 1950 - يىلى 1 - ئايدا بارىكۆل ناھىيىسىگە مۇئاۋىن ھاكىم، 1952 - يىلى 12 - ئايدا ئۈرۈمچى پاختا توقۇلما ماللار شىركىتىنىڭ جىڭلىسى، 1954 - يىلىدىن 1984 - يىلغىچە قۇمۇل ۋالىي مەھكىمىسى خەلق ئىشلار بۆلۈم باشلىقى ۋە ۋىلايەتلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە مۇئاۋىن باشلىقى بولىدۇ. 1955 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرىدۇ. 1990 - يىللاردا قازا قىلىدۇ.