UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمۇھەممەد سىدىق زەلىلى

مۇھەممەد سىدىق زەلىلى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى مۇھەممەد سىدىق زەلىلى 17 - 18 - ئەسىرلەرئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلغان نامايەندىلىرىدىن بىرى. شائىرنىڭ ھىجرىيە 1157 - يىلى (مىلادىيە 1744 - 1745 - يىللار) يازغان «تەزكىرەئى خوجە مۇھەممەد بۇزۇرۇكۋار» ناملىق داستانىدىكى «ئۆمرى يەتمىشكە يېتىپ مەرد ئولمادى»، «قىرىق يىلدىن تابۇ دەمغە ھىرقەپۇش» دېگەن مىسرالار ھەمدە ھىجرىيە 1131 - يىلى (مىلادىيە 1718 - يىل) يازغان «سەفەرنامە» سىدىكى «خەستە زەلىلىدۇر چۇ نادان ھۇنۇز، بولمادى قىرىق ياشىدە مۇسۇلمان ھۇنۇز» دېگەن مىسرالىرىدا قەيت قىلىنغان سانلار بويىچە ھېسابلىغاندا، زەلىلىنى تەخمىنەن 17 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرى يەكەندە توغۇلغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەمما، شائىرنىڭ قانچە يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، قاچان ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات توغرىسىدا: «مېنى ئەۋرارە قىلغان يەركەند شەھىرىدە ماھىمدۇر، قاراڭغۇ ئەيلەگەن ئالەمنى گويا دۇدى ئاھىدۇر.» دېگەن مىسرالارنى تىزغان. زەلىلى بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرلىرىنى يەكەندە ئوقۇش ۋە ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. زەلىلىنىڭ بىر غەزىلىدە «يەكەن خانلىقى» نىڭ ئىككىنچى پادىشاھى ئابدۇرەشىدخان زامانىسى (1533 - 1560 - يىللىرى) دا تەسىس قىلىنغان «خانلىق مەدرىسە» ئالاھىدە تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، زەلىلى بۇ مەدرىسە ھەققىدە شۇنداق يازىدۇ: «چەشمە چىراغى ھەمەئى مەملەكەت، رەۋنەقى باغۇ چىمەنى مەئرىفەت. بىر تەرەفى مەدرىسەئى خانەدۇر، ئىلىم بىرلە فەزلى گۈلىستانىدۇر. جەمئى ئىكەن مەدرىسەدە ئالىمان، رەۋشەن ئولۇپ ھەر بىرى شەمئى جەھان... گەرھى مۇتالىئەدە ھەنگامە، دەرس بېرۇر ۋاقتىدە ئەللامە. ئالىم ھەم ئامىل ئاخۇن ئۈچۈن، مەسنەدى ھېكمەتتە فلاتۇن ئۈچۈن...» يۇقىرىدىكى مىسرالارغا ئاساسلانغاندا، «خانلىق مەدرىسە» زەلىلى ئاساسىي بىلىم ھاسىل قىلغان يۇقىرى ئوقۇش يۇرتى بولسا كېرەك. زەلىلى شېئىرلىرىدىكى ۋەقەلىك ۋە گۈزەل ئىبارىلەرنىڭ كۆپلۈكىگە قارىغاندا، زەلىلى ئەينى دەۋر ئەنئەنىۋى تەلىم ئۇسۇللىرى بويىچە ئەرەب - پارس تىللىرىنى خېلى پىششىق ئۆشلەشتۈرگەن، ئەرەب - پارس ئەدەبىياتىنىڭ تىپىك نەمۇنىلىرى، ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن مەشھۇر شائىرلارنىڭ شاھانە ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان. زەلىلى راسا يىگىتلىك قىرانىغا يەتكەندە، «ئىشق ئېتىبارى» بىلەن نەچچە ئون يىللاپ سەپەر مۈشكۈلىنى چېكىپ، نۇرغۇن مەنزىللەرنى كېزىدۇ. كاشىغەر، خوتەن، ئاقسۇ، كۇچار، تۇرپان، قۇمۇللارنى ئايلىنىپ چىقىدۇ. بارغانلا يېرىدە «ئاشىق قەلەندەر» تەرزىدە «مازارلار» نى تاۋاپ قىلىدۇ. 50 ياشلىرىدا خوتەنگە كېلىپ، ئۇزۇن مەزگىل شۇ يەردە تۇرۇپ قالىدۇ. خوتەندىكى ئىجادىي ھاياتى داۋامىدا زەلىلى ئىدىيىسىدىكى مۇرەسسەچىلىك خاھىشلىرى پەسلەپ، رېئالىزملىق خاھىش يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتىدۇ، نەتىجىدە شائىر 18 - ئەسىردىكى ئۇيغۇر بەدىئىي ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلىگە ئايلىنىدۇ. زەلىلى ئىجادىيىتىدە غەزەل ئاساسىي ئورۇن تۇتىدۇ. شۇنىڭدەك زەلىلى «قەسىدە» ۋە «تەزكىرە» لەر ئۈچۈنمۇ ئىجادىي كۈچ ۋە زېھنىنى سەرپ قىلغان. بولۇپمۇ «سەفەرنامە» داستانى ئۇنىڭ ھاياتىغا دائىر پاكىتلارنى ئىگىلەشتە، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئەل سۆيەرلىك ئىدىيىسىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. زەلىلى ئۆز غەزەللىرىنى تولىراق بەش ياكى يەتتە بېيىتلىك قىلىپ يازغان. لېكىن ئۇنىڭ غەزەللىرى ئىچىدە يەنە، 9 ، 15، 17 ھەتتا 25 بېيىتلىكلىرىمۇ بار. بۇنداق غەزەللەر قۇرۇلما ۋە مەزمۇن جەھەتتىن قەسىدە ياكى مۇناجاتقا ياتسىمۇ، زەلىلى دىۋانلىرىدا ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە غەزەللەر رېتىگە كىرگۈزۈلگەن. زەلىلى غەزەللىرى ئىچىدە بەش بېيىتلىك 70 غەزەل، يەتتە بېيىتلىك 65 غەزەل، ئۇنىڭدىن قالسا ئالتە بېيىتلىك 15 غەزەل، سەككىز بېيىتلىك 13 غەزەل، توققۇز بېيىتلىك 15 غەزەل بار. زەلىلىنىڭ ھازىر ساقلىنىپ قالغان ئەسەرلىرى ئاساسەن سەككىز ژانىر (غەزەل، رۇبائى، مۇخەممەس، مۇستەھزاد، قەسىدە، ساقىنامە، تەزكىرە ياكى داستان، سافەرنامە) دىن تەركىب تاپقان. زەلىلى غەزەللىرىدىن نەغمىگە ئالاھىدە خۇشتارلىقى، نەغمىنىڭ ھاياتتىكى رولىنى ياخشى چۈشەنگىنى، ئۇيغۇر مۇقاملىرىدىن ئوبدان خەۋەردار ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ: «مەجلىس ئىچىگە ئوت سالۇر پەردائى ئىراق، مەشق جۇنۇندىن ئەيلەگەچ سەۋتى تەرەننۇمى ئەجەم، ئاجايىپ مەجلىسى گەرەم ئولدى بۇ دەشتى بەيا بانكىم، نەۋائى نالەئى مەجنۇن بىلەن ئاھۇ كەباب ئەردى.» زەلىلى غەزەللىرىدە بەزى ئىنچىكە مەنىلەرنى بايان قىلىشتا مۇنازىرىلىك سوراق ئۇسۇلى، تەمسىللەر بىلەن خۇلاسىلەش ئۇسۇللىرى قوللىنىلغاندىن تاشقىرى ئىستىئارە _ رەمزىلىك تەسۋىرلەر، بولۇپمۇ ئوخشىتىش (تەشبىھ) ئاساسىدىكى ئىستىئارىلەر، يەنى ئىما - ئىشارەت ئۇقۇملىرىنى بىلدۈرىدىغان، چوڭقۇر مەنىلىك تەسۋىرىي ئىبارىلەر كۆپ قوللىنىلغان. شۇڭا زەلىلى تىلىنىڭ گۈزەللىكى، پىكىرلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ئوخشىتىشلىرىنىڭ چىرايلىقلىقى بىلەن ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ئۇسلۇب ياراتقان شائىر.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى