ئازاد سۇلتان
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئازاد سۇلتان 1950 - يىلى ئۈرۈمچىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇپ، 1969 - يىلىدىن 1973 - يىلغىچە قۇمۇل ھەربىي ئات مەيدانىدا قايتا تەربىيە ئالغان، 1973 - يىلدىن 1978 - يىلغىچە ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، 1978 - يىلى تىيەنجىن نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1982 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا دەسلەپ ئوقۇتقۇچى، ھازىر مۇدىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
ئازاد سۇلتان ئەدەبىيات ساھەسىگە دەسلەپ ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن كىرىپ كەلگەن بولۇپ، 80 - يىللارنىڭ بېشىدا <ئۆلگەن بۇغا> قاتارلىق ھېكايىلارنى خەنزۇچە يېزىپ ئېلان قىلغان، كېينچە يەنە ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىپ، مۇپاسساننىڭ <چىرايلىق دوست> قاتارلىق رومان، ھېكايىلىرىنى ۋە باشقا ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. ئازاد سۇلتاننىڭ ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيىتى ئەدەبىيات تەتقىقاتى جەھەتتە بولۇپ، ئۇنىڭ <ئۇيغۇر پروزىسىدىكى تراگېدىيە ئېڭى توغرىسىدا>، <يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ پرزا ئىجادىيىتى ھەققىدە>، <يازغۇچى زۇنۇن قادىر ھەققىدە>، <شائىر ئابدۇكېرىم خوجىنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى توغرىسىدا>، <ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى يېڭى يۇلتۇز - يازغۇچى خالىدە ئىسرايىل> قاتارلىق ماقالىلىرى ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. ئازاد سۇلتان بۇنىڭدىن باشقا، يەنە <ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى> دېگەن چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ئەسەرنى يېزىپ تاماملىغان.
ئازاد سۇلتان ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسۇرى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.