UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئابلىكىم سابىر

ئابلىكىم سابىر

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى ئابلىكىم سابىر 1939 - يىلى كۇچا ناھىيسىنىڭ بازار ئىچىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1947 - يىلدىن 1955 - يىلغىچە كۇچادا باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردا ئۇقۇغان. 1955 - يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1958 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ 1965 - يىلغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدە، 1965 - يىلدىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 6 - ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە 14 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىدۇ. ئابلىكىم سابىر ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1960 - يىلى <تارىم> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان <مېنىڭ قەدىرلىك ئوقۇتقۇچۇم> ناملىق ھېكايىسى بىلەن كىرىپ كەلگەن. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئاساسەن ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر قىسىم ياخشى ھېكايىلارنى كىتابخانلارغا تەقدىم قىلغان، جۈملىدىن جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىنىڭ 40 - يىللاردىكى تۇرمۇشى ۋە كۈرەشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان <ئۈمىد يۇلتۇزلىرى> ناملىق رومانىنى يېزىپ چىققان. ئابلىكىم سابىرنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئۈمىد يۇلتۇزى> (1988 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق رومانى بار، ئۇنىڭ بىر قىسىم ھېكايىلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. ئابلىكىم سابىر ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابلىكىم سابىر | UyghurWiki | UyghurWiki