UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىسېتىۋالدىجان

سېتىۋالدىجان

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى سېتىۋالدىجان پەرغانىلىق ئۆزبېك، ئۇنىڭ دادىسى ئەنەس ھاجى پەرغانە بايلىرىدىن بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بېرىلغان سوتسىيالىستىك ئۆزگەتىشتىن قىچىپ، 1924 - يىلى ئائىلىسى بىلەن قەشقەرگە كۆچۈپ كېلىپ، يەر - زېمىن سېتىۋېلىپ كاتتا ئىمارەت سېلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ. سېىۋالدىجان ئە شۇنداق باي ئائىلدە تۇغۇلۇپ ئۆسىدۇ. ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە دەسلەپتە پەرغانىدا دىنىي مەكتەپتە كېيىن تاشكەنت، موسكۋالاردا ئوقۇيدۇ. ئۇ قەشقەردە تۇرغان مەزگىلدە، 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەردە تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان «جەدىتچى ئېقىمى» نىڭ تەسىرىدە روسىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە چىقىدىغان گېزىت - ژۇرناللارنى ئالدۇرۇپ ئوقۇپ، يېڭىچە پىكىردە بولۇپ، قەشقەردىكى جەدىتچىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. قۇمۇل، تۇرپان قوزغىلىڭى قەشقەرگە كېڭەيگەندە، ئۇنى پۇرسەت دەپ بېلىپ، قەشقەردىكى سىياسىي ھەرىكەتلەرگە ئارىلىشىدۇ. شۇ كۈنلەردە قەشقەردە تەسىس قىلىنغان «ھىلالى ئەھمەر» گە ۋە تۇنجى قېتىم قەشقەردە قۇرۇلغان ئەكسىيەتچىل ئىستىقلال جەمئىيىتىگە ئەزا بولىدۇ. قىرغىز قوزغىلاڭچىلىرى قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن تۇتۇرگىگە كەلگەندە، تۇتۇرگىگە چىقىپ، ئوسمان ئېلى بىلەن كېلىشىپ، قەشقەر شەھىرىدىكى ئۆزبېكلەردىن ئەسكەر تەشكىللەپ، ئوسمان ئېلىگە قوشۇلىدۇ. ئوسمان ئېلى قەشقەر شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندا بىر قىسىم قورال - ياراغقا ئىگە بولۇپ، تەشىكىللىگەن ئۆزبېكلەردىن چوڭ قوشۇن قۇرۇپ، ئۆزى باشلىق بولىدۇ. تۆمۈر ئېلى قەشقەرگە كىرگەندىن كېيىن، «ئىستىقلال جەمئىيىتى» «مىللەتلەر مەجلىسى» گە ئۆزگەرتىلىدۇ. سېتىۋالدىجان «مىللەتلەر مەجلىسى» گە ئەزا بولۇپ، تۆمۈر ئېلىغا ئىتائەت قىلىدۇ. ئوسمان ئېلى ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى سېزىپ، ئۇنىڭ قوشۇنىنى تارقىتىۋەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئۇ تۆمۈر ئېلى سىجاڭ قارتارلىقلارنىڭ ھىمايىسىدە قىسىمىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، تۆمۈر سىجاڭ ئۇنىڭ قوشۇنىنى ئۆزبېك تۇەنى قىلىپ تەشكىللەيدۇ ۋە سېتىۋالدىجان بۇ تۇەننىڭ كوماندىرى بولىدۇ. ئۇ قىسىمىنى شۇ كۈنلەردە يۈز بەرگەن تۇڭگان، قىرغىز سوقۇشىغا ئۆزلۈكىدىن قاتناشتۇرۇپ، قىرغىزلارغا ياردەمدە بولۇپ، تۇڭگانلارنىڭ بىر قىسىم قوراللىرىنى تارتىۋېلىپ، ئەسكىرىي كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھىمىتنىڭ سېيىدىكى ئۇرۇشتا ھۆكۈمەتنىڭ يەركەن شەھىرىگە بېكىنىۋالغان قوشۇنلىرىدىن قورال تارتىۋېلىپ، نام - شۆھرەت قازىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ قوشۇنىدا ئۆتمۈشتە پەرغانىدا ئۇرۇشقا قاتنىشىپ پىشقان باسمىچىلار ھەتتا قۇر بېشى (مىڭ كىشىلىك قوشۇننىڭ باشلىقى) ئاتالغانلاردىن يۈسۈپچان قۇربېشى، ئابدۇراخمان قۇربېشى، ئارىپجان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنى كۆرۈپ كەلگەن بىر بۆلۈم يارامىلىق ئۇيغۇر سەركەردىلەرمۇ بار ئىدى. 1933 - يىلى 8 - ئاۋغۇست تۆمۈر سىلىڭ تۇگانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ چاغدا سېتىۋالدىجان بىر قىسىم ئەسكەرلەرنى ئېلىپ، خوتەنلىكىلەرنى باستۇرۇشقا كەتكەنىدى. سېتىۋالدىجان خوتەندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ناھايىتى شۆھرەتلىك كىشىگە ئايلىنىدۇ. لېكىن، بۇ كۈنلەدە ئۆزلۈكىدىن ئۇرۇشقا بۇلاڭ - تالاڭغا بېرىلىپ، چىرىكلەشكەنلىكتىن، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى يۈسۈپجان قۇربېشى ئۆكتە قىلىپ، سېتىۋالدىجاندىن ھەربىي ھوقۇق تارتىۋالىدۇ. شۇ كۈنلەردە سېتىۋالدىجان «ئەكسىيەتچىل شەرقىي تۈركىستان» ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى جەھەتتە ھەربىي نازىرى ئىدى. ھەربىي ھوقۇقتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، «شەرقىي تۈكىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ سودا نازىرى بولىدۇ. كېيىن ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندا سېتىۋالدىجان قەشقەرنىڭ بىر بۆلۈم بايلىرى بىلەن بىللە ئاتا - ئانىسى ئېلىپ چەت ئەلگە قاچماي بولىدۇ. تاشقورغانغا بارغاندا، پاسپورتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تاجىك زەمىر تۇەنجاڭ قىسىملىرى تۇتۇپ قەشقەرگە تاپشۇرىدۇ. سېتىۋالدىجان قەشقەر يېڭىشەھەر خانئىرىقلىق ئەيسا ھاجىم دېگەن كىشى بىلەن بىر مەزگىل تۈرمىدە قاملىپ ياتىدۇ. بۇ ئىككى كىشى كېيىن قەشقەر يېڭىشەھەر تۈرمىسىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى