مۆكۈشمەك ئويۇنى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مۆكۈشمەك ئويۇنى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەھەللىلەردە توپلىشىپ ئوينايدىغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئويۇن پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ پائالىيەت چەبدەسلىكنى، يۈگۈرۈش تېزلىكىنى، چىداملىقىنى، كوللېكتىۋىزملىق روھىنى ئۇرغۇتۇشقا ئەھمىيىتى ناھايىتى زور.
مۆكۈشمەك ئويۇنى كۆپىنچە ھاللاردا ئايدىڭ كېچىلەردە ئوينىلىپ، مەيدان تاللىمايدۇ. ئويۇنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ چەكلىمىسى بولمايدۇ. خالىغان بىر جايدا ئوينالسا بولىۋېرىدۇ. ئويناشتا ئالدى بىلەن ئىككى كىشى باش بولۇپ رامباتلىشىش ئارقىلىق ئادەملەرنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلىدۇ ھەمدە بىر ئورۇننى نۇقتا قىلىپ بەلگىلەيدۇ. مۆكۈش نۆۋىتى ئالغان تەرەپ ئالدى بىلەن مۆكىدۇ. يەنە بىر تەرەپ پەللىدە قالىدۇ. مۆككۈچىلەر مۆكۈپ بولغاندىن كېيىن پەللىدە قالغان تەرەپنىڭ بىر قانچىسى پەللىنى ساقلاپ قالغانلىرى مۆككەنلەرنى ئىزدەيدۇ. ئىزدىگۈچىلەر مۆككۈچىلەرنى مۆكۈۋالغان يەردىن تېپىۋالسا بىر - بىرلەپ تۇتىدۇ. ئەگەر تۇتۇۋالالمىسا مۆككۈچىلەر پەللىگە ياكى باشقا تەرەپكە قاراپ قاچىدۇ. پەللە ساقلىغۇچىلار پەللىنى قوغداپ مۆككۈچىلەرنى پەللىگە كىرگۈزمەي تۇتۇۋېلىشقا كىرىشىدۇ. مۆككۈچىلەر بولسا مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەپ، تۇتقۇزماي پەللىگە كىرىشكە تىرىشىدۇ. ئويۇن جەريانىدا پەللە باققۇچىلار مۆكۈۋالغان جايدىن ياكى پەللە باققۇچىلار مۆكۈپ، مۆككەن تەرەپ پەللە باقىدۇ. ئەگەر مۆككۈچى تەرەپنىڭ بىر ئەزاسى بولسىمۇ تۇتۇق بەرمەي پەللىگە كىرىۋالالىسا يەنىلا مۆككۈچى تەرەپ مۆكۈنۈپ پەللە باققۇچى تەرەپ پەللە باقىدۇ. ئويۇن شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىۋېرىدۇ. ئەگەر پۈتۈن بىر ئاخشام مۆككۈچىلەرنى تاپالماي قالسا ئەتىسى ئاخشىمى داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدۇ. لېكىن، بۇ خىل ئۇسۇلدا ۋاقىت ئۇزىراپ كېتىۇ. شۇڭا، مۆككۈچىلەردىن بىر - ئىككىنى تۇتۇشنى شەرت قىلسىمۇ بولىدۇ.