پاتىقان سۇگۇر بايوف
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
پاتىقانق سۇگۇربايوف قازاق، مۇڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايىنۇلگەي ناھىيىسىدىن. 1927 - يىلى 4 - ئايدا تۇغۇلغان، 1944 - يىلى 7 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى كۈرىشىگە قاتناشتى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئالتاي پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، ئالتاي ئاتلىق پولكى خوجۇلۇق ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئالتاي ۋالى مەھكىمىسىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، بانكا باشلىقى، مالىيە بەشقارمىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، ئازادلىقتىن كېيىن، ئالتاي ۋىلايەتلىك ۋالى مەھكىمىسىنىڭ ۋالىسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم ريونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 5 -، 6 -، 7 -نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
يولداش پاتىقان سۇگۇربايوف دادىسى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى دەلىلقان سۇگۇربايوفنىڭ تەسىرىدە، ياش ۋاقتىدىلا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى كۈرۈشىگە قاتنىشىپ، گومنىداڭ ئەكسىيەتچىلىرى بىلەن جاپالىق كۈرەش قىلىپ، «پىدائىلار» ئوردىنىغا، بىرىنچى دەرجىلىك «ئازادلىق» ئوردىنىغا، بىر ئالتۇن مىدالغا ئېرىشكەن. بۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى، شىنجاڭنى تىنچ ئازاد قىلىش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشقانىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق كومتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان مەزگىلدە ۋە سىياسىي قانۇن خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان مەزگىلدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سوتسىيالىسىتىك ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە ۋە قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلىگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.
پاتىقان سۇگۇربايوف 1996 - يىلى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سائادەت 9 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 69 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.