UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئايازبېك قۇشچى

ئايازبېك قۇشچى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شاھ مەھمۇد جۇراسنىڭ «تارىخى رەشىد (زەيلى)» ناملىق ئەسىرىدە «سۇلتان ئابدۇرەشىد خاننىڭ دەۋرىدە دۆلەت ئەربابلىرى ئىچىدە شائىر كىشىلەر كۆپ ئىدى. جۈملىدىن ئايازبېك قۇشچى خۇش تەبىئەت كىشى بولۇپ، بۇ ئىككى غەزەلنى ئابدۇرەشىدخاننىڭ شەنىگە ئىجاد قىلدى. ئۇنىڭ بىرىنى خان تەختىگە ئولتۇرغاندا، يەنە بىرىنى ئابدۇرەشىدخان ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن خەلققە توي قىلىپ بەرگەندە يازدى» دەپ ئايازبېك قۇشچىنىڭ ھەر ئىككى غەزىلىنى تولۇق تېكستى بىلەن بەرگەن. شائىر ئايازبېك قۇشچى: «ساقى مەي بەخش تۈتكىم باھار كەلدى، ئىشرەت زامانى يەتدى ئول گۈلئۇزار كەلدى.» (ساقى خۇشاللىق بېغىشلىغۇچى شاراب تۇت، چۈنكى باھار كەلدى، شادلىق چاغلىرى يەتتى، چۈنكى ئۇ گۈزەل يۈزلۈك كەلدى.) سەدرىسى بىلەن باشلانغان بىرىنچى غەزىلىدە ئابدۇرەشىدخاننى شاھلىق - سەلتەنەت تەختىگە چىققانلىقى بىلەن تەبرىكلەيدۇ، ئۆزىنىڭ خۇشاللىق - تەنتەنىسى ھەمدە قىزغىن، سەمىمىي ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. ئارقىدىنلا ئۇ يەنە: «دەۋران ئەيشۇ - ئىشرەت، بەش كۈن ئېرۇر غەنىيمەت، چۈن چەرخى بى مۇرەۋۋەت ناپايدار كەلدى. يەتكۈزسە غۇسسە گەردۇن چەك بادە بولما مەھزۇن، تەسكىن غەمگە گۈلگۈن مەيى سازاۋەر كەلدى.» (دەۋرنىڭ ئەيش - ئىشرىتى پەقەت بەش كۈندىلا غەنىيمەت، چۈنكى بۇ مۇرۇۋەتسىز، ئۇزۇن تۇرمايدىغان زاماندۇر، زامان غەم - غۇسسە كەلتۈرسە، مالال بولما، شاراب ئىچ، غەمنى پەسەيتىش ئۈچۈن گۈل رەڭلىك مەي كەلتۈرۈلدى.) دېگەن مىسرالارنى تىزىپ، زاماننىڭ مۇرەۋۋەتسىز، ئاخىرى خەيرىسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىش بىلەن، زامان غەم - غۇسسەلىرىدىن مالال بولماسلىقنى، شۇنداقلا، قىسقا، بەش كۈنلۈك بولغان شادلىق دەۋرىنى غەنىيمەت بىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. «تۇت» رادىپلىق 2 - غەزىلىدە شائىر ئايازبېك قۇشچى ئابدۇرەشىدخان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن خەلققە توي قىلىپ بەرگەن چاغدىكى خۇشال كەيپىياتىنى ۋە شاھقا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، ئۆزىنىڭ شاھقا قارىتا بولغان سەمىمىي تىلەكلىرىنى ئىزھار قىلىدۇ. ئايازبېك قۇشچىنىڭ نامى «چىڭگىزنامە» دىمۇ تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «بەھادۇر ۋە كېڭەشلىك كىشىلەر قۇشچىدىن بۆلەك تۆت مىڭ يەتتە يۈز كىشى ئىدى.» يۇقىرىقىلاردىن مەلۇمكى، ئايازبېك قۇشچى 16 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا (سۇلتان سەئىدخان ۋە ئابدۇرەشىدخان زامانىسىدا) ياشاپ، ئىجاد قىلغان شائىرلاردىن بىرى بولۇپ، سۇلتان سەئىدخاننىڭ يېقىن باھادىر بەگلىرىدىن بولغان. يېقىنقى يىللاردا ئېلان قىلىنغان بەزى ئەسەر، ماقالىلەر ئايازبېك قۇشچى بىلەن «جاھاننامە» داستانىدا ئۆزىنى «ئاياز شكەستە» تەخەللۇسى بىلەن ئاتىغان مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر بىر شەخس قىلىپ قويۇلدى. ھالبۇكى، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ تەرجىمھالى ۋە كەچۈرمىشلىرى بىلەن ئايازبېك قۇشچى ھەققىدىكى بايانلاردا روشەن پەرق بار. سۇلتان ئابدۇرەشىدخان تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە مىرزا ھەيدەر تىبەتتىكى جاپالىق ھەربىي يۈرۈش ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈرۋاتاتتى. بۇ خىل ئەھۋالدا «ئاياز شكەستە» (مىرزا ھەيدەر) نىڭ سۇلتان ئابدۇرەشىدخانغا ئاتاپ شېئىر يېزىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ، ئەدەبىيات تارىخىدا بۇ ئىككىسىنى ئىككى شەخس دەپ قاراش لازىم.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى