ئايۇپ مەنسۇرى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ئايۇپ مەنسۇرى 1902 - يىلى ياركەنت شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1918 - يىلى ھەدىسى مەپىسخان بىلەن ئىلى ۋىلايىتىگە كېلىپ، قورغاس مازار ئەتراپىغا ئورۇنلاشقان. ئۇ قورغاس مازاردا ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە ئوقۇمۇشلۇق، مەرىپەتپەرۋەر زات ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق مەلۇم تىل - ئەدەبىيات بىلىملىرىگە ئىگە، ئىقتىدارلىق ياش بولۇپ يېتىلگەن. 1930 - يىلنىڭ بېشىدا ئايۇپ مەنسۇرى غۇلجا شەھىرىگە كېلىپ، دەسلەپ دوختۇرخانىدا، 1932 - يىلدىن باشلاپ «ئىلى دەرياسى» گېزىتى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، بۇ جەريانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق ۋە رەسساملىق جەھەتتىكى قابىلىيىتى بىلەن تېزلا تونۇلغان.
ئايۇپ مەنسۇرى 1932 - يىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنىپ، ئۆلكىلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسنىڭ مەسئۇللىقىدا نەشىر قىلنىشقا باشلىغان «يېڭى شىنجاڭ گېزىتى» خىزمىتىگە قويۇلغان. ئۇ دەسلەپ كوررېكتور، تەھرىر، كېيىن گېزىت باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن.
ئايۇپ مەنسۇرى ئەينى دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى زىيالىيلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ بىلىم - ئىقتىدارى، شېئىرىيەت، يېزىقچىلىق ۋە تەشكىللەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قابىلىيىتى بىلەن تونۇلغان ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان.
دەسلەپكى ئىگىلەشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئايۇپ مەنسۇرى 1932 - يىلدىن 1940 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا «كۆچ - كۆچ ھەققىدە»، «ئايخان نەزمىسى»، «سېغىندىم»، «جاھانگىرگە» قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلارنى، بىرقىسىم پوبىلىستىك ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. (ئەينى مەزگىلدىكى گېزىتلەر تولۇق ساقلانمىغانلىقى ئۈچۈن، شائىرنىڭ ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنى تولۇق ئىگىلەش مۇمكىن بولمىدى.) بولۇپمۇ ئۇنىڭ 1940 - يىلنىڭ باشلىرىدا «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ «ئەدەبىيات گۈلزارى» بېتىدە ئېلان قىلىنغان «بارات جەللىگۇر» ناملىق ساتىرىك ھېكايىسىنى ئۇيغۇر ھازىرقى پروزىچىلىكنىڭ تۇنجى ئۈلگىلىرىدىن بىرى دېىشكە بولىدۇ. (مۇھەممەت پولات : «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پروزا» )شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1985 (، 16 - بەت.)
ئايۇپ مەنسۇرى 1940 - يىلى 4 - ئايدا قولغا ئېلىنىپ، سەبداشلىرى مەرۇپ سەئىدى، خېلىل ساتتارىلار بىلەن بىرلىكتە 1942 - يىلى تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن.
شائىر ئايۇپ مەنسۇرى «شىنجاڭ ئۇيغۇر گېزىتى» نىڭ 1936 - يىل 14 - ئىيۇلدىكى سانىغا بېسىلغان «سېغىندىم» ناملىق شېئىرىدا ئۆزىنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىنى ئۆسۈپ چوڭ بولغان يېزىسىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر، قايناق، ھېسىيات بىلەن ئىپادىلەنگەن بولسا، شۇ گېزىتنىڭ 1- ئاۋغۇست سانىغا قايتا كۆچۈرۈپ بېسىلغان «جاھانگىرگە» ناملىق شېئىردا بىر ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر شائىر سۈپىتىدە، خەلقنىڭ جاھانگىرلارغا بولغان غەزەپ ۋە نەپرىتىنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:
«تارىخ ئوچۇق كۆرسەتتى سېنىڭ ۋەھشەتلىرىڭنى،
بۇڭا شاھىد مىليونلاپ مەزلۇملارنىڭ قۇربانى.
سېنىڭ قانلىق قىلچىڭ چۈشمەستىن ھېچ قىنىغا،
دەريا - دەريا قان تۆكۈپ ۋەيران قىلدى دۇنيانى.
ساڭا لەنەت ئوقويدۇ ھەر بىر ھەقىقىي ئىنسان،
تۇتار سېنى بىر كۈنى مەزلۇملارنىڭ ئاھ - زارى.»
شائىر ئايۇپ مەنسۇرىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىگە دائىر ئەھۋاللار تېخى تولۇق ئىگىلەنمىدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتنىڭ 1930 - يىللار مۇساپىسىدىكى ئورنى ۋە ئوينىغان رولىنى ئۆگىتىش ۋە تەتقىق قىلىش - ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتىمىزدىكى مۇھىم ۋزىپىلەردىن بىرى بولۇپ تۇرماقتا.