UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئۆمەر داموللا

ئۆمەر داموللا

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئۆمەر داموللا 1896 - يىلى قەشقەر ئوپالدا دىنىي ئائىلىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئىپتىدائىي دىنىي بىلىمنى قەشقەر ۋە ئوپالدا ئالىدۇ. 1913 - يىلى دادىسىغا قېيىداپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ ئۆتۈپ، بۇ خارادىكى دىنىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئون يىل ئوقۇيدۇ. شۇ جەرياندا 1919 - يىلى تاشكەنتتە تەسىس قىلىنغان چەت ئەل مۇھاجىرلار كومتېتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقىغا قاتنىشىدۇ ۋە پەننىي بىلىملەرنى ئۆگىنىدۇ. كۆپ قېتىم قەشقەر شەھىرى ۋە ئوپال يېزىلىرىغا يوشۇرۇن كېلىپ مەخپىي خىزمەت ئىشلەيدۇ. 1931 - يىلى قۇمۇلدا دېھقانلار ئىنقىلابى پارتىلغاندىن كېيىن يۇرتى ئوپالغا قايتىپ كېلىدۇ ۋە 1933 - يىلى يۇتنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن 300 دەك كىشىنى قوراللاندۇرىدۇ. ئۇ ئوپالدىكى دىنىي مەكتەپلەردە تۇنجى بولۇپ پەننىي بىلىملەرنى قوشۇپ ئوقۇتۇشنى يولغا قويىدۇ. كېيىن يەرلىك تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا مەخسۇس پەننىي مەكتەپ سېلىش، كۇلۇب سېلىشقا ئوخشاش ئىشلارنى ئىشلەيدۇ. بۇ جەرياندا مەكتەپ مۇدىرى، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىنىڭ باش يېتەكچىسى بولىدۇ. 1937 - يىلىنىڭ ئالدى - ئاخىرىدا گۇما ناھىيىسىگە ھاكىم بولىدۇ. بۇ جەرياندا گۇما ناھىيىسىنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا كۈچ چىقىرىدۇ. كېيىن شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدۇ. 1944 - يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە باش قازى، كېيىن ئۆلكىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋە ئۆلكىلىك ساقچى نازارىتىدە سىياسىي باشقارما باشلىقى بولىدۇ. بۇ يىللاردا ئۇ مەخپىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇللىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىدۇ. 1947 - يىلى 7 - ئايدا قەشقەرگە ۋالىي بولىدۇ. ئازاد بولىدۇ ۋە ئازادلىقتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىنىپ بىر قانچە ئاي تۈرمىدە تۇرغاندىن كېيىن، كېسەل سەۋەبى بىلەن كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىدۇ. ئىگىسىز - ھىمايىسىز قېلىپ، دەسلەپ ياڭخاڭ مەسچىتتە، كېيىن نەنمېن مەسچىت (ھازىرقى «خانتەڭرى جامەسى» دە يېتىپ، جامائەتنىڭ ياردىمى بىلەن جان بېقىپ، 56 يېشىدا قازا قىلىدۇ.)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى