ئىدرىس بارات
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى ۋە ئەدەبىي تەرجىمان ئىدرىس بارات 1946 - يىل 10 - ئايدا قاغىلىق ناھىيسىنىڭ چارۋاغ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قاغىلىقتا ئوقۇپ تاماملىغان، 1961 - يىلدىن 1965 - يىلغىچە شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ 1991 - يىلغىچە پارتىيە - ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن؛ 1991 - يىلدىن ئېتىبارەن <مىللەتلەر ئىتتىپاقى> ژۇرناللار نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، قوشۇمچە شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مۇدىرى، ئۇيغۇرچە - قازاقچە <مىللەتلەر ئىتتىپاقى> ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
ئىدرىس باراتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئۇ، ھازىرغىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <قەبرىگە قويۇلغان گۈللەر>، <غۇلغۇلا>، <مۇھەببەت سىنىقى>، <تولۇن ئاي گۇۋاھ>، <ۋەزىپىگە تەيىنلەشنىڭ ئالدى - كەينىدە> قاتارلىق ھېكايىلارنى ئېلان قىلغان. ئىدرىس بارات ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل يازغۇچىلىرىنىڭ بىر قىسىم ھېكايىلىرىنى تەرجىمە قىلغان.
ئىدرىس باراتنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <قەبرىگە قويۇلغان گۈللەر> (1986 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ئەسەرلەر توپلىمى بار.
ئىدرىس بارات ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.