UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىكۈرەشچان ئۆمەر

كۈرەشچان ئۆمەر

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ياش يازغۇچى كۈرەشچان ئۆمەر 1965 - يىلى ئاتۇش شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1982 - يىلى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان، 1987 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، قىزىلسۇدا ئوقۇتقۇچى بولغان، 1990 - يىل 3 - ئايدىن تارتىپ شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا تەرجىمە - تەھرىر كومىتېتىدا ئىشلىگەن، 1992 - يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا ئىشلىمەكتە. كۈرۈشچان ئۆمەر ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1980 - يىلى <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <تاڭ شەپىقىدەك ياشلىقىم> ناملىق ئەسىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن بېرى، ھەر قايسى ئەدەبىي ژۇرنال - گېزىتلەردە، تۈرلۈك ژانىرلاردا 200 پارچىدىن كۆپرەك ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. كۈرەشچان ئۆمەرنىڭ <باياۋان> (1996 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. كۈرەشچان ئۆمەر ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
كۈرەشچان ئۆمەر | UyghurWiki | UyghurWiki