موللا نىياز
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە تارىخچى موللا نىياز خوتەن شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئىلىم ئىگىلەشكە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ، ياشلىقىدىلا ئەدىب ۋە تارىخچى سۈپىتىدە تونۇلغان. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىدىن دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگىنى _ 2080 مىسرا شېئىردىن تەركىب تاپقان تارىخىي داستان «تەزكىرەئى ئىمام زەبىھۇللا» («تۆت ئىمام تەزكىرىسى») بىلەن، 48 مىسرادىن تۈزۈلگەن شېئىرىي ئەسەر _ «ئەرزنامە» دىن ئىبارەت.
«تەزكىرەئى ئىمام زەبىھۇللا» مەزمۇن جەھەتتىن ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ؛ بىرىنچى قىسمى _ ھەمدۇ سانا، ئىكىنچى قىسمى _ داستاننىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى، يەنى، جەنۇبىي شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئىسلامىيەت بىلەن بۇددىزم ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشلەر، قەشقەر، يەكەننىڭ قايتىدىن ئىسلامغا كىرىشى، يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ماۋەرائۇننەھردىن كەلگەن ئىمام نەسرىددىن باشلىق تۆت نەپەر ئىمامنىڭ ياردىمىدە خوتەندە ئىسلام ئېچىش جەريانى ئوخشاش ۋەقەلەر رىۋايەت ئارىلاش بايان قىلىنىدۇ. ئۈچىنچى قىسمى _ شائىرنىڭ ئۆز ھاياتىغا دائىر بايانلاردىن ئىبارەت.
شائىر داستانىدا ئۆزى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ:
«ئانا مۈلك خوتەن ئاتا تاغى،
تۆت ئىماملارىم نىيازى مەن داغى.
... .... .....
ئاقىبەت بىر كۈنى تۇغۇلمىشمەن،
بىر نەھىف (ئاجىز، نىمجان) ھەم زەئىف ئوغۇلمىشمەن.
شۈكۈر ئېتىپ تەربىيەت قىلبدۇرلەر،
روز - شەب مەرھەمەت قىلىبدۇرلەر.
قويۇپ ئېركەن ئاتىمنى موللا نىياز،
مېنى قىلمىش ئىماملارىمغە نىياز.
بەردى مەكتەپكە تۆرت ياشىمدا،
ئاتام ئېردى ھەمىشە قاشىمدا.
مېنى دەپ كۈندە داخىلى مەكتەپ،
ئۈرگەتۇرگە ماڭا ئىلىم - ئەدەب.
ياشىم ئالتە - يەتتەگە يەتمىش،
بىۋەفا دۇنيادىن ئاتام كەتمىش..
شائىر داستاننى يازغان ۋاقتى توغرىسىدا مۇنۇلارنى يازىدۇ:
بۇ تەفەككۇر بىلە قاتىب باشىم،
يەتتى ئاخىر يىگىرمەگە ياشىم.
..... .... ....
يەنە تارىخ بولمىش ئېردى غەرىب،
نەشىردىن تاپتى نەزمغە تەرتىب.
ئاي ھەمەل ئېردى يىل ھەمدۇنە،
ھەم تەمام ئولدى روز ئازىنە.
«غەرىب» سۆى ئەبجەد ھېسابىدا ھىجرىيە 1211 - يىلىنىڭ 1 - ئېيى بولىدۇ. دېمەك، شائىر موللا نىياز ئۆزىنىڭ تارىخىي داستانى «تەزكىرەئى ئىمام زەبىھۇللا» نى مىلادى 1796 - يىلى 7 - ئايدا، يىگىرمە ياشلىق مەزگىلىدە يېزىپ چىققان. شۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، شائىرنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادى 1777 - يىلى (ھىجرىيە 1191 - يىلى) بولىدۇ.
«ئەرزنامە» شېئىرى موللا نىيازنىڭ ئەسىرلەر مابەينىدە ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان مەشھۇر ئەسىرىدۇر.ئېرىنىڭ ۋاپاسىز، زالىملىقى بىلەن ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان بىر بىچارە مەزلۇمەنىڭ ئاغزىدىن خوتەن ھاكىمىگە تۇتۇلغان ئەرز تەرىزىدە يېزىلغان بۇ ئەسىرىدە شائىر ئاياللارنى خارلاپ، ئاياغ - ئاستى قىلغان فېئوداللىق تۈزۈم ئۈستىدىن غەزەپ بىلەن شىكايەت قىلىدۇ. شېئىر ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئاياللارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھىمايە قىلىپ يېزىلغان ئاكتوئال تېمىدىكى ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، شائىرنىڭ ئىلغار پىكىرلىك، خەلقپەرۋەر ۋە ۋەتەنپەرۋەر ئەدىب ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان.