لۇتفى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
لۇتفى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتقان نامايەندىلەرنىڭ بىرى. نەۋائى لۇتفىغا «ئۆز دەۋرىنىڭ مەلىكۇل كەلامى» (سۆز پادىشاھى) دەپ باھا بەرگەن.
لۇتفىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ساقلانمىغان. پەقەت ئەلىشىر نەۋائىنىڭ «مەجالسۇن نەفائىس»، «ھالاتى سەيد ھەسەن ئەردەشىر»، خاندەمىرنىڭ «مەكارىمۇل ئەخلاق»، شەمسىدىن سامىنىڭ «قاماسۇل ئەئلام» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە لۇتفى ھاياتىغا ئائىت قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەن، بۇ مەنبەلەر ئارقىلىق شائىرنىڭ ھاياتى ھەققىدە بىر قەدەر چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمىز.
مەۋلانە لۇتفىنىڭ ئەسلى ئىسمى نامەلۇم. لۇتفى ئۇنىڭ تەخەللۇسى ھېسابلىنىدۇ. زامانداشلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە مەۋلانا لۇتفى _ لۇتفى ھىرى (ھىراتلىق لۇتفى) دەپ كۆرسىتىلىدۇ. بۇ ھال شائىرنىڭ ھىراتلىق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. مەلۇمكى، مەۋلانا لۇتفى 1366 - يىلى دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ھىرات شەھىرىنىڭ دېھكەنار خىيابانىدا پەقىرانە ھايات كەچۈرگەن.
لۇتفى ياشلىقىدىن باشلاپ ئۆز زامانىسىنىڭ مەۋجۇت ئىلىملىرىنى ئىگىلەشكە كىرىشتى. مەشھۇر ئالىم شاھابىددىن خىيالى ھۇزۇرىدا ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنى ئۆگىنىپ، مەلۇم مۇددەت ئىلىم تەھسىل قىلدى. شائىر ئىجتىھاد بىلەن ئۆگىنىش نەتىجىسىدە يۇقىرى مەلۇماتقا ئېرىشتى. ئۇ، 15 - ئەسىردىكى ئەدەبىياتنىڭ مۇھىم نامايەندىلىرىنىڭ بىرى بولغان خوجاھافىز شىرازى، ئۈمەرھەييام ۋە كامال خوجەندى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن چوڭقۇر غايىۋى - بەدىئىي ئوزۇق ئالدى.
مەۋلانا لۇتفى ئازغىنە كەم يۈز يىللىق ئۆمرىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى بەدىئىي ئىجادىيەتكە بېغىشلىدى. ئۇ ساراي شائىرلىرىنىڭ قەسىدۋازلىق يولىدىن چەتنەپ ئۆتۈپ، ئەدەبىياتنىڭ ئاممىباب شەكلى - غەزەل ژانىرىنى تاللاپ، ئۆز ئىجادىيىتىنى لىرىك شېئىرلاردىن باشلىدى. شائىر ئەسەرلىرىنى ئۆز ئانا تىلى ۋە پارس تىلىدىن ئىبارەت ئىككى تىل بىلەن يازدى. 15 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن پۈتۈن خۇراسان ۋە ماۋەرا ئۇننەھردە زور شۆھرەت قازاندى. دىۋانلىرى ئىران ۋە خۇراسانغىچە بولغان جايلارغا كەڭ تارقالدى.
لۇتفىنىڭ پارس تىلىدا يازغان شېئىرلىرى دىۋان ھالىتىدە دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. ئەمما، ئۆز ئانا تىلىدىكى دىۋاننىڭ بىر قانچە مۇكەممەل قول يازما نۇسخىلىرى بار. بۇ نۇسخىلار ھازىر لېنىنگرات، تاشكەنت، ئىتامبول، لوندون قاتارلىق مەشھۇر شەھەرلەرنىڭ كۈتۈپخانا ۋە مۇزېيلىرىدا ساقلانماقتا. يالغۇز ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇزېيىدا لۇتفى دىۋانلىرىدىن تۆت نۇسخا ساقلىنىۋاتىدۇ. يۇقىرىقى قول يازمىلار 280 پارچە غەزەل؛ 40 پارچىغا يېقىن رۇبائى، قىتئە، تويۇق؛ ئىككى پارچە قەسىدە؛ چوڭ ھەجىمدىكى «گۈل ۋە نەۋرۇز» ناملىق داستاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەۋلانا لۇتفىنىڭ ئىجادىيىتى ئىچىدە «گۈل ۋە نەۋرۇز» ناملىق داستانى خاراكتېرلىك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر 120 باب، 2400 مىسرادىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، شائىر بۇ داستاننى 1411 - يىلى يېزىپ تاماملايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەينى دەۋرنىڭ ئاتاقلىق تارىخچىسى شاراپىددىن ئەلى يەزدىنىڭ «زەپەرنامە» ناملىق ئەسىرىنى پارس تىلىدىن چاغاتاي تىلىغا شېئىرىيەتنىڭ مەسنەۋى شەكلى بويچە 1425 - يىلى تەرجىمە قىلىپ چىقىدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.
لۇتفى كۆپ ئەسىرلىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىلغار ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلدى، ئۇنى تېخىمۇ بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى. ئۇ رېئال ھايات تېمىلىرىنى ئىجادىي پائالىيىتىنىڭ تېماتىك ئىدىيىسىگە ئايلاندۇردى.
مەۋلانا لۇتفى ئوتتۇرا ئاسىيادا تۆمۈرىيىلەر ھۆكۈم سۈرگەن دەۋردە ياشاپ ئىجاد قىلدى. شائىرنىڭ ئىجادىي نەتىجىلىرى ئۆز دەۋرىنىڭ ئىجتىمائىي - سىياسىي ۋە مەدەنىي ھاياتى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە مېھنەتكەش خەلقنىڭ ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنى، چىن سۆيگۈ - مۇھەببەت، ساداقەت، تەرەققىيپەرۋەرلىك، مەرىپەتۋەرلىك، ئىنسانىي ئەركىنلىك غايىلىرىنى روشەن ئىپادىلىدى، ئىجتىمائىي ھاياتتىكى تەڭسىزلىك، ئادالەتسىزلىكنى قارىلىدى.
لۇتفى تەڭسىز ئىجتىمائىي ھايات قوينىدا ساداقەتلىك يار، خازانسىز باھار، گۈلباھار چېغىدا ئىچىلىدىغان مەينى ئارزۇ قىلىپ، پۈتۈن ئىجادىيتىدە ھاياتقا مۇھەببەتنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى.
مەۋلانا لۇتفى ئۆزىنىڭ لىرىك قەھرىمانىنى يارىتىشتا، ئۇنىڭ نازۇك ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىشتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ باي خەزىنىسىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلاندى. خىلمۇ خىل ئوخشىتىش، كۈچلۈك مۇبالىغە، خەلق ماقال - تەمسىللىرى، ئوبرازلىق ئىبارىلەر لۇتفى لىرىكىسىنىڭ ئايرىلماس تەركىبىي قىسمى ئىدى. بۇ ھەقتە نەۋائى لۇتفىغا «ئۇيغۇر ئىباراتى (تىلى) نىڭ بۇلىقى» دەپ يۈكسەك باھا بېرىدۇ.
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ 15 - ئەسىردىكى يېتەكچى نامايەندىسى مەۋلانا لۇتفى 99 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، 1465 - يىلى ۋاپات بولدى.
ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر ئەلىشىر نەۋائىنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، مەۋلانا لۇتفى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «پەسىخ ۋە بەلىخ (ئۆتكۈر ۋە گۈزەل) ئەدىبى»، «ئەزىز ۋە تەۋەررۈك كىشىسى» دۇر. شائىرنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرى ئۇساقلاپ كەلمەكتە.