ماخمۇت زەيىدى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ۋە شائىر ماخمۇت زەيىدى 1932 - يىل 2 - ئايدا تۇرپاننىڭ يار يېزىسىدا ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيسىنى تۇرپاندا ئالغان، 1947 - يىلى ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1993 - يىلىغىچە نەشرىيات، مائارىپ، تىل - يېزىق، تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيدە.
ماخمۇت زەيىدى ئەدەبىيات ساھەسىگە 1947 - يىلى شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان شېئىرلارنى يازغان. ئۇ، 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <قەدىمكى ماقال - تەمسىللەر ۋە ھېكىمەتلىك سۆزلەر>، <ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىجادىيەت يولى ۋە ئۇنىڭ يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى>، <قۇتادغۇبىلىك> تىكى رۇبائىيلار توغرىسىدا، <يازغۇچىنىڭ تىلغا مۇناسىۋىتى> قاتارلىق 100 پارچىغا يېقىن ماقالە يېزىپ ئېلان قىلغان. ماخمۇت زەيىدى كېيىنكى يىللاردا يەنە <ئۇيغۇر دېموكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئانتولوگىيىسى> دېگەن چوڭ ھەجىملىك ئەسەرنى يازغان؛ <تۈركىي تىللار دىۋانى>، <قۇتادغۇبىلىك> قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلاشقا، دۆلەتنىڭ 7 -، 8 - بەش يىللىق ئىجتىمائىي تەتقىقات پىلانىدىكى <ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى> نى يېزىشقا قاتناشقان.
ماخمۇت زەيىدىننىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئالبوم ۋاراقلىغاندا> (1985 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لۇغىتى> (سەمەت دۇگايلى بىلەن بىللە، 1988 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق كىتابى بار. ئۇ يەنە >ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى< (6)، <ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى> قاتارلىق كىتابلارنى نەشرگە تەييارلىغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
ماخمۇت زەيىدى ھازىر كاندىدات ئالىي تەتقىقاتچى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.