مۇھەممەت روزى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر مۇھەممەت روزى 1939 - يىل 12 - ئايدا قەشقەر كونىشەھەر ناھىيسىدىكى بەشكېرەم يېزىسىنىڭ سايباغ كەنتىدە تۇغۇلغان، 1958 - يىلغا قەدەر قەشقەر شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ماشىنسازلىق - ئېلېكترون سانائىتى نازارىتىنىڭ كادىرلار باشقارمىسىدا خىزمەت قىلغان، 1980 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومى تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
مۇھەممەت روزى 50 - يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشكەن، ھازىرغا قەدەر 500 پارچىدىن كۆپرەك شېئىر، بىر قىسىم نەسر ھەم ئوبزورلىرى گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ بىر بۆلۈك شېئىرلىرى <ئۆركەش> ناملىق بىرلەشمە توپلامغا كىرگۈزۈلگەن، 1991 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى <ئىشىق سادالىرى> (ئابدۇكېرىم مەخسۇت بىلەن بىللە) ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلغان. <ياۋا ئەتىرگۈل> قاتارلىق بەزى ئەسەرلىرى ھەر خىل مۇسابىقىلەردە مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ مۇكاپاتلانغان.
مۇھەممەت روزى ھازىر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.