UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمۇھەممەت رەھىم

مۇھەممەت رەھىم

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ۋە خەلق ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى مۇھەممەت رەھىم 1926 - يىل 11 - ئايدا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ قورغاس (سۈيدۈڭ) ناھىيسىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1933 - يىلدىن 1942 - يىلغىچە باشلانغۇچ - تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، ئۇنىڭدىن كېيىن، بىر مەزگىل رۇس تىلى كۇرسلىرىدا ئوقۇغان. ئۇ، 1944 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ئارمىيىسىگە قاتناشقان، 1947 - يىل 7 - ئايدا ھەربىي سەپتىن قايتىپ، غۇلجىدىكى ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىدا ئىشلىگەن، 1948 - يىلدىن 1950 - يىلىغچە ئىلى ۋىلايەتلىك تېببىي تېخنىكومىدا ئوقۇغان، 1951 - يىلدىن 1984 - يىلغىچە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ، <شىنجاڭ تېنىچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى> قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىجرائىيە ھەيئىتىدە، قەشقەر شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئىشلىگەن؛ ئۈرۈمچىدىكى مەزگىلدە <تارىم>، <شىنجاڭ سەنئىتى> ژۇرناللىرىدا مۇھەررىر، جاۋابكار مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1984 - يىل 10 - ئايدىن تارتىپ دەم ئېلىشقا چىققان. مۇھەممەت رەھىمنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىدىلا باشلانغان، تۇنجى شېئىرى <مىلتىقىم> 1947 - يىلى <كۈرەش> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ، ھەر خىل شەكىل - تۈرلەردە نۇرغۇنلىغان شېئىرلارنى ئېلان قىلغان. ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلق ماقال - تەمسىللىرىنى توپلاش، رەتلەش، نەشرگە تەييارلاش مۇھەممەت رەھىم ئەدەبىي پائالىيىتىنىڭ ناھايتى مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ جاپالىق ئەجرى بىلەن <ئۇيغۇر خەلق ماقال - تەمسىللىرى> دىن تۆت توپلام نەشر قىلىنغان، 1990 - يىلى يەنە ئاپتور تەرىپىدىن تولۇقلانغان يىرىك كىتاب - <ئۇيغۇر خەلق ماقال - تەمسىللىرى> شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ نۇقتىلىق كىتابلىرى قاتارىدا نەشردىن چىققان. مۇھەممەت رەھىم يەنە تىلشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، تىل - يىزىق مەسىلىلىرىگە ئائىت توققۇز پارچە ئىلمىي ماقالە - ئوبزور يېزىپ، مەسىلىلىرىگە ئائىت توققۇز پارچە ئىلمىي ماقالە - ئوبزور يېزىپ، ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن. مۇھەممەت رەھىمنىڭ نەشر قىلىنغان ئىجادىي ئەسەرلىرىدىن <بەخت ناخشىلىرى> (1962 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <گۈلباھار> (1980 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <ئايدىڭ كېچە> (1987 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <سېغىنىش> (1993 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى بار. ئۇ يەنە <غەزەل ۋە مۇخەممەسلەر> قاتارلىق مۇھىم كىتابلارنى نەشرگە تەييارلىغان. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايونلۇق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. مۇھەممەت رەھىم ھازىر جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات - سەنئىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات - سەنئىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مۇھەممەت رەھىم | UyghurWiki | UyghurWiki