UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئابدۇكېرىم خوجا

ئابدۇكېرىم خوجا

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئاتاقلىق شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان، ژۇرنالىسىت ئابدۇكېرىم خوجا 1928 - يىل 11 - ئايدا قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئالتۇنلۇقۇم يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، زۇلۇم ۋە نامراتلىق دەستىدىن قۇمۇلدا تۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ، ئاتا - ئانىسىغا ئەگىشىپ گەنسۇ ئۆلكىسىگە بېرىپ، ئەنشى، دۈنخۇاڭ، جاڭيى قاتارلىق جايلاردا تۇرغان، كېيىن جيۇچۈەن ۋىلايىتىدە ئولتۇراقلاشقان؛ جيۇچۈەندىكى خەنزۇ مەكتەپلىرىدە ئوقۇپ، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە بولغان، 1946 - يىلى ئائىلىسى بىلەن بىللە قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەن، 1947 - يىلنىڭ ئاخىرىدا نەنجىڭغا بېرىپ <دۆلەتلىك چېگرا رايونلار مەكتىپى> گە كىرىپ ئوقۇغان ۋە بۇ يەردە ناھايىتى ئەتراپلىق بىلىم ئالغان؛ 1949 - يىل 5 - ئايدا قۇمۇلغا قايتىپ، شۇ يىلى قۇمۇلدا ئۆتكەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيسى تەركىبىگە كىرىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن، ئۈرۈمچىدە ئارمىيە تەشۋىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1950 - يىلدىن 1953 - يىلغىچە سابىق شىنجاڭ شۆبە بيۇرو يەرلىك كادىرلار يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا ھەم ئوقۇپ، ھەم خىزمەت قىلغان، 1953 - يىلدىن 1956 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، 1957 - يىلدىن 1976 - يىلغىچە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە ئىشلىگەن. ئابۇكېرىم خۇجا 1976 - يىل 10 - ئايدىن 1980- يىلغىچە بېيجىڭغا بېرىپ، مەركىزىي مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ، 1980 - يىل 8 - ئايدىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، <ئەدەبىي تەرجىمىلەر> ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. مۇشۇ يىللاردا ئابدۇكېرىم خوجا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، <شېئىرىيەت> ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئۇ، 1988 - يىل 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى 60 يېشىدا كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئابدۇكېرىم خوجىنىڭ ئەدەبىيات جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئالدى بىلەن شېئىرىيەتتە كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى 1953 - يىلى خەنزۇ تىلىدا ئېلان قىلدۇرغان شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ دەسلەپ خەنزۇ تىلىدا، كېيىنچە ئۇيغۇر تىلىدا كۆپلىگەن شېئىرلارنى ئېلان قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن، داڭلىق شائىرلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ <دەرەخ ۋە ياپراق>، <كۈز بىلەن كەلگەن شېئىرلار>، <ئىككى ھەيكەلنىڭ ئۇچرىشىشى>... غا ئوخشاش شېئىرلىرى كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئەدەبىي تەرجىمە - ئابدۇكېرىم خوجا ئەدەبىي پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئۇ يۇقىرى خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى، كۈچلۈك ئەدەبىي ئىقتىدار ۋە تەرجىمە ماھارىتى ئاساسىدا نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكىگە مۇناسىپ تۆھپە قوشقان. ئۇ، 50 - يىللاردىن تارتىپ لۇتپۇللا مۇتەللىپ، تېيىپجان ئېلىيوپ قاتارلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنى، شېئىر توپلاملىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلدۇرغان؛ دۇفۇ، لى بەي، زاڭ كېجيا، ئەي چىڭ، گېنرىخ گېنى، ئېلزابىت باررېت قاتارلىق جۇڭگو - چەت ئەل شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى، شېئىر توپلاملىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان. بۇلاردىن باشقا يەنە <ماۋجۇشى شېئىرلىرى>، <تيەنئەنمىن شېئىرلىرى>، <قىزىل قىيا>، <قىزىل راۋاقتىكى چۈش>، <باھادىر شاھ لى زىچىڭ> قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەرنىڭ كوللېكتىپ تەرجىمىسىگە قاتناشقان. ئابدۇكېرىم خوجىنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <10 باھار> (1959 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <باھار ناخشىسى> (1980 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <تۇپراق، باھار ۋە مەن> (1984 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <باھار بىلەن كەلگەن شېئىرلار> ( 1987 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <باھار يامغۇرى> (1991 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى بار
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابدۇكېرىم خوجا | UyghurWiki | UyghurWiki