UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئەنۋەر مۇسابايوف

ئەنۋەر مۇسابايوف

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئەنۋەر مۇسابايوف ھاجىمنىڭ ئالتىنچى ئوغلى ئابدۇللا ھاجىمنىڭ ئوغلى، ئۇ 1916 - يىلى ئاتۇش ئىكساقتا تۇغۇلۇپ، ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن دىنىي ۋە پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدۇ. 1928 - يىلى تۈركىيىگە بېرىپ، ئىستامبول شەھىرىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتى <گالاتا ساراي> دا ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇيدۇ. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن تۈركىيىنىڭ كارخانا ۋە بانكا ئورنلىرىدا ئۈچ يىل ئىشلەپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش كاسسىرلىق كەسپى بويىچە چېنىقىدۇ. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن بىر مەزگىل ئلى تېرە زاۋۇتىدا تېرە زاۋۇتىدا كاسسىر، ياردەمچى بوغالتىر ۋە بوغالتىر بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1944 - يىلى 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىدۇ. 1945 - يىلى 1 - ئايدىن 1946 - يىلى 6 - ئايغىچە ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمەت ئەزاسى ۋە مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، 1947 - يىلى 11 - ئايغىچە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، 1949 - يىلى 10 - ئايغىچە ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى مالىيە ۋەكىلى، ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. 1949 - يىلى 12 - ئايدىن 1950 - يىلى 9 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن(مۇۋەققەت) نازىرى بولىدۇ. 1950 - يىلى 9 - ئايدىن 1955 - يىلى 4 - ئايغىچە، شىنجاڭ خەلق ھۆكۈمىتى مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى بولىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئىنقىلابىي ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە ئىشلىرىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئالتۇن مېدال بىلەن، ئازادلىقتىن كېيىن غەربىي شىمالنى ئازاد قىلىش خاتىرە ئىزنىكى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ ۋە شىنجاڭ ئۆلكىلىك 1 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولىدۇ. ئەنۋەر مۇسابايوف سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقراسى بولغاچقا 1955 - يىلى ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىدۇ ۋە 1955 - يىلىدىن 1977 - يىلغىىچە تاشكەنتتە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تېرە زاۋۇتىدا ماستىر ۋە يېمەك ماللار شىركىتىدە كاسسىر، تاشكەنت بانكىسىدا كاسسىر مۇدىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1977 - يىلى پېنسىيىگە چىقىدۇ. 1995 - يىلى تاشكەنتتە 79 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى