مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم ئاتۇش مەشەتلىك تەرەققىيپەرۋەر زىيالىي ئىبراھىم ھاجىنىڭ ئوغلى مۇھەممەت ئىمىن ھاجىمنىڭ نەۋرىسى. ئۇ 1907 - يىلى تۇغۇلىدۇ. مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە قىرغىزىستاندىكى قارا قولغا بېرىپ، پەننىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم 1959 - يىلى ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىپ قالدۇرغان تەرجىمىھالىدا ئۆزى توغرۇلۇق مۇنداق يازىدۇ.
ئۇ 1923 - يىلى قاراقول شەھەرلىك كومسۇمۇللا كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى مەدەمىننىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن <لېنىنچىل> كوممۇنىستىك ياشلار سايوزىغا قاتنىشىپ، باسمىچىلارغا قارشى كومسۇمۇل پولكى شىتابىدا، شۇنىڭدىن كېيىن پرىژژۇۋالسىكى ئوبلاستلىق پارتكومدا ئىشچىلار خىزمىتى، كېيىن تەشۋىقات خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. پرىژۇۋالىسكى (قاراقول) ئوبلاستى ئوتتۇرا ئاسىيا(ئۇ چاغدا تۈركىستان دېيىلەتتى)بويىچە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار ھېسابلىناتتى. مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم دەل شۇ يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە كىرىدۇ. 1927 - يىلى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ ئېتىبار بېرىشى بىلەن تۈركىستاننىڭ مەمۇرى مەركىزى تاشكەنىتتىكى پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى كوپىراتسىيىلەشتۈرۈشنى يولغا قويغاندا، مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلار قاتارىدا سەمەر قەنتتىكى كوپىراتسىيە مەكتىپىگە ئەۋەتىلىدۇ. مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئەنجان ئوبلاستىدا كوپىراتسىيىلەشتۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتنىشىدۇ. كېيىن زاۋۇت پارتكوم سېكرېتارى بولىدۇ.
مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم تۇرمۇش قۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەي 1933 - يىلدىن 1935 - يىلغىچە يۇرتى ئاتۇشقا كېلىپ كېتىپ تۇرىدۇ. بۇ يىللار قەشقەردىكى ھەر خىل ھەربىي كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. ئۇ جاھان بىر ئاز تىنجىغاندىن كېيىن، قەشقەر خەلقىنى ئويغىتىش ئۈچۈن سانايىنەپىسە قۇرۇشقا كىرىشىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن خەۋەر تاپقان قەشقەردىكى سوۋېت كونسۇلى 3 - ئىنتېرناتسىئونال نامىدىن ئۇنى مەدھىيلەيدۇ. ئىگروپ، قاتارلىقلار مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىمنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىغا مەسئۇل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ يىللاردا ئاساسىي خەۋپ ئافغانىستان، ھىندىستان چېگرالىرىدا يۈز بېرىدىغان بولغاچقا مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم، ئىككى يىل ئىچىدە بىر قانچە تاشقورغاندىكى چىگرا قاراۋۇلخانىسىغا بېرىپ ئىش بېجىرىدۇ. باسمىچى ئىبراھىم (ئۇرايىم) بەگنىڭ ئادەملىرىنى تۇتۇپ چىگرا قاراۋۇلخانا مەسئۇلى زەمىر تۇەنجاڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. يەنە ياڭ دارىن(ياڭ چىۋىن) ھەم خوتەن ۋالىيسى ئېلىپ ماڭغان ئالتۇن، ھېلىخان باي، نەسىردىن ھاجىلارنىڭ ئەنگىلىيەگە ئېلىپ ماڭغان ئالتۇنلىرىنى قاتتىق ئېلىشىش ئارقىلىق تارتىۋالىدۇ.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى شىنجاڭغا كېلىپ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يەنئەن ئوتتۇرىسىدا خەلقئارا قاتناش لىنىيەسى ئېچىش خزمىتىنى باشلىغاندا، مۇھەممەتئىمىن ئىبراھىم 1935 - يىلى ئۈرۈمچىگە رەپىقىسى بىلەن بىر ياشقا تولغان ئوغلىنى بىرگە ئېلىپ يۆتكىلىپ كېلىپ، جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشما تەركىبىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاقارتىش ئويۇشمىسىنىڭ مالىيە مۇدىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1935 - يىلى 9 - ئايغىچە تارباغايغا يۆتكىلىپ بېرىپ باج ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولىدۇ. بۇ يىللاردا سوۋېت كونسۇلى مالىنىن ئۇنى 3 - ئىنتېرناتسىئونال نامىدىن تەقدىرلەيدۇ. ئۇ 1938 - يىلى 9 - ئايدا ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، 1940 - يىلى 4 - ئايغىچە ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىدە تەپتىش بولىدۇ. 1940 - يىلى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە ئېلىنىدۇ. 1945 - يىلى ۋۇجىڭشىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ. ئۇ قەشقەرگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، يەنە قولغا ئېلىنىپ، 5194 - يىلى 5 - ئايدا قەشقەر تۈرمىسىگە قامىلىدۇ. 1946 - يىلى گومىنداڭ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى 11 ماددىلىق بىتىم تۈزگەندە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن، 1955 - يىلغىچە جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمە مالىيە ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەيدۇ، 1961 - يىلى 11 - ئايدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولىدۇ.(مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى يازمىسىدىن ئېلىندى).