قاسىمجان قەمبىرى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت تەشكىلاتچىسى قاسىمجان قەمبىرى (تەخەللۇسى - ئىناق) 1910 - يىلى ئاتۇشتا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ، ئۆسمۈرلۈك چېغىدىلا دادىسى بىلەن بىللە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ، شۇ يەردە بىلىم ئىگىلىگەن، 1932 - يىلى يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ئىجادىيەت، سەنئەت ۋە ئىنقىلابىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، شۇ يىل تۈرمىدە ياتقان، قاسىمجان قەمبىرى 1944 - يىل 3 - ئايدا غۇلجىغا ئۆتۈپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مەخپىي تەييارلىق خىزمەتلىرىگە قاتناشقان، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندا مائارىپ، سەھىيە تارماقلىرىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن، 1945 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىنى باشلاپ ئاقسۇغا چۈشۈپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى جەڭ قىلغان، 1946 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەشقەرگە ئەۋەتىلىپ، قەشقەرنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن. <بېتىم> بۇزۇلغاندىن كېيىن قاسىمجان قەمبىرى يەكەن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى، جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن، 1965 - يىل 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى يۈرەك كېسلى بىلەن قەشقەردە 46 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
قاسىمجان قەمبىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى 30 - يىللاردىلا باشلانغان بولۇپ، بىر مۇنچە ياخشى شېئىرلارنى يېزىپ، ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر بولغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى ناخشىلارغا تېكىست قىلىنىپ خەلق ئارىسىغا تارقىلىپ كەتكەن. قاسىمجان قەمبىرى يەنە يازغۇچى - شائىرلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارغا شارائىت يارىتىپ بېرىپ، نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا، بىر تۈركۈم كلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشىشىگە، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ھەم تۆھپە قوشقان. شۇڭا ئۇ، خەلقىمىز قەلبىدىن پەخرلىك ئورۇن ئالغان.
قاسىمجان قەمبىرى گەرچە كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ قىسمى يوقىلىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ساقلىنىپ قالغان شېئىرلىرىنىڭ بىر قىسمى <گۈدۈك>، <سامان يولى> قاتارلىق توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.