UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىموللا ھەيدەر

موللا ھەيدەر

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يېقىندا تېپىلغان، ھىجرىيە 1275 - (مىلادى 1855 -) يىلى سەپەر ئېيى (2 - ئاي) نىڭ بىر يەكشەنبە كۈنى خوتەنلىك موللا ئىمىن ۋە موللا ياقۇپ ئىسىملىك ئىككى كاتىپ تەرىپىدىن كۆچۈرۈلۈپ تاماملانغان زور ھەجىملىك قول يازما ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى خەزىنىسىگە يەنە يېڭى دۇردانە بولۇپ قوشۇلدى. قول يازمىنىڭ باش قىسمى موللا ھەيدەر (تەخەللۇسى «مىسكىن») نىڭ پارسچىدىن نەزمىلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغان «جەڭنامە ھەزرەتى ئەلى»، «رەزەتۇششۇھۇدا» قاتارلىق ئىككى داستاندىن؛ ئوتتۇرا قىسمى موللا ھەيدەر، موللا نىياز قاترلىق ئۈچ شائىرنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى لىرىك شېئىرلىرىدىن؛ ئاخىرقى قىسمى موللا ھەيدەرنىڭ موللا نىياز بىلەن بىرلىشىپ نەزمىلەشتۈرۈپ چىققان «ئەمىر ئابامۇسلىم» ناملىق داستاندىن تەشكىل تاپقان ھەمدە بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى مىلادى 1785 - يىلىدىن 1795 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزىلغان. «مىسكىن» تەخەللۇسى بىلەن ئىجاد قىلغان شائىر موللا ھەيدەر «رەۋزەتۇششۇھۇدا» ۋە «ئەمىر ئاباموسلىم» داستانلىرىنىڭ بەزى ئورۇنلىرىدا ئۆزى ھەققىدە قىسمەن مەلۇماتلارنى قالدۇرغان. ئۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، موللا ھەيدەر خوتەن (ئىلچى) شەھىرىدىن بولۇپ، خوتەن ھۆكۈمدارى ئەمىر ئەزىزنىڭ ھۇزۇرىدا كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن. شائىر موللا ھەيدەرنىڭ قول يازمىغا كىرگۈزۈلگەن لىرىك شېئىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى يوقالغان بولۇپ، ساقلىنىپ قالغان ئاز بىر قىسم شېئىرلىرى ئۇنىڭ بەدىئىي ئىستېدات جەھەتتە كامالەتكە يەتكەن شائىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؛ يەنە بىر جەھەتتىن، قول يازمىغا كىرگۈزۈلگەنلەر ئۈچ شائىرنىڭ پۈتۈن ئەسەرلىرىنىڭ توپلىمى بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسمىدىنلا ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە قول يازمىنى تەييارلىغان كاتىپلار ئېنىق قىلىپ ئېيتىپ ئۆتىدۇ. موللا ھەيدەرنىڭ تەرجىمە ئەسىرى _ «جەڭنامە ھەزرەتى ئەلى» 1500 مىسرادىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇنىڭدا خەلىپىلىك نۆۋىتى ھەزرەتى ئەلىگە يەتكەندە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بولۇپ كەتكەن ئىچكى جېدەل - ماجرالار؛ «رەزەتۇششۇھۇدا» ئالتە مىڭ مىسراغا يېقىن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىسلام دۇنياسىدا مەشھۇر بولغان كەربالا ئۇرۇشى نەزمى شەكىلدە بايان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ شائىر نىيازى بىلەن بىرلىشىپ نەزمىلەشتۈرۈپ يېزىپ چىققان «ئەمىر ئابا مۇسلىم» داستانى ئىسلام دۇنياسىدىكى مەشھۇر شەخس ئابامۇسلىم ۋە ئۇ ئېلىپ بارغان ھەربىي، سىياسىي كۈرەشلەر ئاساسىي تېما قىلىنىپ يېزىلغان زور ھەجىملىك ئەسەر بولۇپ، 15 مىڭ مىسرادىن ئارتۇق.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى